قۇتلۇقئوت
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قۇتلۇقئوت گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئەسلىي ماكانى جۇڭگو ۋە ياپونىيە. مەملىكىتىمىز خەلقى ئىچىدە قۇتلۇقئوت چېچەكلىسە ياخشىلىق كېلىدۇ، دېگەن رىۋايەت بار. خەلقىمىز ئەزەلدىنلا ئۇنى بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ بىلىدۇ.
قۇتلۇقئوتنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن30 سانتىمېتىر، يەر ئاستى يىلتىزسىمان غولى يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ، بوغۇمىدىن يىلتىز ئۆسىدۇ، يوپۇرماقلىرى يىلتىزسىمان غولىنىڭ ئۇچىدا ياكى بوغۇمىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، كەڭ يىپسىمان ياكى تاسمىسىمان تېمىنە شەكىللىك، ئالدى ئۇچى تەدرىجىي ئۇچلۇق، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن15 ~30 سانتىمېتىر، باشاقسىمان گۈل رېتى گۈل شېخىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا جايلىشىدۇ. كۈزنىڭ ئاخىرىدا چېچەكلەيدۇ، سۇس جىگەررەڭ گۈللىرى نەپىس، ناھايىتى ئوماق، خۇشبۇي پۇراقلىق. شار شەكىللىك شىرنىلىك مېۋە چۈشىدۇ، پىشقان چاغدا جىگەر رەڭلىك بولىدۇ. يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، تۈپلىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، كۆپىنچە تۈپ ئايرىپ كۆپەيتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.
قۇتلۇقئوت ئائىلىلەردە تەشتەكتە ئۆستۈرۈلىدىغان كۆپ ئۇچرايدىغان مەنزىرە ئۆسۈملۈكى بولۇپ، ئىللىق، نەم مۇھىتنى ياخشى كۆرىدۇ، توپا تاللىمايدۇ. سۇدا (ئېرىتمىدە) ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىدا خۇددى نەرگىسگۈلىنى باققانغا ئوخشاش، تېيىز قاچىغا گۈللۈك ئۇششاق تاشلارنى سېلىپ يىلتىزسىمان غولىنى مۇقىملاپ سۇدا ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ.
قۇتلۇقئوتنىڭ ئۆسۈملۈك تۈپى پاكار، سايە - كۆلەڭگە شارائىتقا چىداملىق، ئۆسۈش ھالىتى تىمەن بولۇپ، دەرەخلىك ئىچىدە ئۆسىدىغان ناھايىتى ياخشى يېپىنچا ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. خاڭجۇ شىخۇ كۆلىنىڭ ئون مەنزىرىسىنىڭ بىرى بولغان «ئۈچ ھاۋۇزدىكى ئاي شولىسى» مەنزىرە رايونىدىكى باغۋەن ئىشچىلار دەرەخلىك ئىچىگە قۇتلۇقئوتنى تۈركۈملەپ تېرىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يېشىل يوپۇرماق قىزىل مېۋىلىرى شىخۇ كۆلىنىڭ مەنزىرىسىگە بىرمۇنچە ھۆسىن قوشقان.
قۇتلۇقئوتنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. يۆتىلىپ قاناش، سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە.