UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىئۈشكە ئوت

ئۈشكە ئوت

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى شىنجاڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيىنىڭ قۇرغاقچىلىق رايونلىرىدىكى ئوتلاقلاردا باشاقلىقلار ئائىلىسى سىلو ئۇرۇقدىشىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك ئۆسىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مېۋىسى توپىغا ئۆزىلا ئۈشكىدەك تېشىپ كىرەلەيدۇ. شۇڭا، ئۈشكە ئوت دەپ ئاتالغان. ئۈشكە ئوتنىڭ مېۋىسىدە بىر تال بۇرما شەكىللىك ئىنچىكە سېپى بولىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە بىر پەيسىمان ئۇزۇن قۇيرۇقى سۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. مېۋە پىشقان چاغدا، شامالنىڭ ئۇرۇشى بىلەن يەرگە چۈشۈپ، ئۇزۇن قۇيرۇقىنى تاشلايدۇ-دە، بۇرما شەكىللىك سېپى ئارقىلىق توپىنى بۇرغىلاشقا باشلايدۇ. ئەگەر ھاۋا بىرقەدەر نەم بولسا، بۇرمىسىمان سېپى سائەت ئىسترېلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە ئايلىنىدۇ. ئەگەر ھاۋا بىرقەدەر قۇرغاق بولسا، ئىنچىكە سېپى ئەكسىچە يۆنىلىشتە ئايلىنالايدۇ. ئىنچىكە سېپى ئالدى - كەينىگە ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلغاچقا، مېۋىنىڭ يەرگە قاراپ ئىچكىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، مېۋىنىڭ بېشىدا يەنە تەتۈر تىكىنى ئۆسكەن بولۇپ، ئىنچىكە سېپى سائەت ئىسترېلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە ئايلانغاندا، ئۇ توپىنى تېشىپ كىرەلەيدۇ. ئىنچىكە سېپى سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئايلانغاندا بولسا، تەتۈر تىكىنىنىڭ توسۇشى نەتىجىسىدە توپىدىن چىقىپ كېتەلمەيدۇ. مېۋىسى توپىغا كىرگەندىن كېيىن، مۇۋاپىق شارائىتلارغا يولۇقسىلا بىخلىنىپ ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ، شۇڭا ئۇ «ئاپتوماتىك ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسى» دەپ ئاتالغان. باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ياۋا سۇلۇدىمۇ توپىغا ئۆمىلەپ كىرىش ماھارىتى بار. ئۇنىڭ سىرتقى قاسىراقچىسىدا قىلتىرىقى بولىدۇ. قىلتىرىقنىڭ ئوتتۇرا بەل قىسمىدا تىز ئەگمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى قىلتىرىق يىڭنىسى، تۆۋەنكى قىسمى قىلتىرىق بوينى دېيىلىدۇ. يەر يۈزىنىڭ نەملىكى ئاشقاندا، تىز ئەگمىسى تەدرىجىي تۈزلىنىدۇ. يەرنىڭ نەملىكى تۆۋەنلىگەندە، تىز ئەگمىسى ئەسلىي ھالىتىگە قايتىدۇ. تىز ئەگمىسىنىڭ توختىماي ئۇزىراپ - قىسقىراپ تۇرۇشى نەتىجىسىدە، بىر كېچە - كۈندۈزدە1 سانتىمېتىر ئىلگىرىلەيدۇ. ئۇ يەنە تۇپراق يېرىقچىلىرىغا ئۆمىلەپ كىرىپ قىشلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى