UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىجۇخارگۈل

جۇخارگۈل

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى جۇخارگۈل (سەبدەگۈل)نىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، قىرو - سوغۇقلاردىن قورقمايدۇ؛ گۈزەل ھەم خىلمۇخىل، ناھايىتى ھۇزۇرلىنارلىق؛ قەدىمدىن تارتىپ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مىللىي روھىنىڭ سىمۋولى قىلىنىپ، جۇخارگۈل مېيخۇا گۈلى، كەترەن، بامبۇكلار بىلەن بىللە «تۆت ئېسىلزادە» دېيىلىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ تارىخىي دەۋرلىرىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە شىجۈ تىياتىرلىرى، شېئىرلار، سىزما رەسىملىرىنىڭ ھەممىسىدە جۇخارگۈلنى مەدھىيىلەيدىغان ئاساسىي تېمىلىرى كۆپ. «ئۆلۈشكە رازى قۇچاقلاپ گۈل شاخلىرىدا، ھەم رازى تۇرۇشقا سوغۇق شامىلىدا» دېگەن مىسرالار جەنۇبىي سۇڭ دەۋرىدىكى شائىر جىن سىشياۋنىڭ جۇخارگۈلنىڭ ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇش، ئىرادىسىدىن قايتماس روھىغا بولغان مەدھىيىلەش ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. جۇخارگۈل مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك، گەرچە سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولسىمۇ، لېكىن چاتقالغا ئوخشاپ قالىدۇ، كەنجى چاتقال تىپلىق دېيىشكە بولىدۇ. گۈللىرى توپلىشىپ ئۆسۈپ باشسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ، مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى. گۈل رېتىنىڭ مەركىزىدىكى گۈللەر نەيچىسىمان گۈل بولۇپ، ئاتىلىقى، ئانىلىقى بولىدۇ، مېۋىلىيەلەيدۇ؛ گۈل رېتىنىڭ چۆرىسىدىكى گۈللەر تىلسىمان گۈل بولۇپ، بىر جىنسلىق، مېۋىلىيەلمەيدۇ. تىلسىمان گۈللەرنىڭ تەكشى بەرگلىك، قوشۇقسىمان بەرگلىك، نەيچىسىمان بەرگلىك قاتارلىق ھەر خىل بەرگلىكلىرى بولىدۇ، بۇلار سورتلىرىغا قاراپ پەرقلىنىدۇ. جۇخارگۈلنىڭ سورتلىرى نەچچە مىڭ خىلغا يېتىدۇ. چېچەكلەش ۋاقتىغا قاراپ ئايرىغاندا يازلىق جۇخارگۈل، كۈزلۈك جۇخارگۈل ۋە كەچ كۈزلۈك جۇخارگۈل دەپ ئۈچ چوڭ خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ. لېكىن، كۈزلۈك جۇخار گۈل ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ، سورتلىرىمۇ ئەڭ كۆپ. ئەگەر گۈل شەكلىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە قاراپ ئايرىغاندا چوڭ جۇخارگۈل، ئوتتۇراھال جۇخارگۈل ۋە كىچىك جۇخارگۈل دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىلىدۇ، چوڭ جۇخارگۈل ئاساسىي ئورۇندا، كىچىك جۇخار گۈل ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. مەملىكىتىمىز خەلقى سۇڭ دەۋرىدىن باشلاپلا شەكىل يارىتىپ ئۆستۈرۈپ تاماشا قىلىنىدىغان سەنئەتلىك جۇخارگۈل سورتلىرىنى ئۆستۈرۈشنى پەيدا قىلغان ۋە گۈللەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەكىل يارىتىش ۋە تېرىپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى كامالەتكە يەتتى. ئاشۇ ئاجايىپ چىرايلىق جۇخارگۈللەر كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرۈش ۋە جايلاشتۇرۇش ئارقلىق، شەكلى تېخىمۇ خىلمۇ خىللىشىپ، ئومۇمىي روھى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ شەكلى بىلەن روھى بىر گەۋدىلىشىپ نازاكەتلىك كۆرۈنىدۇ؛ بەزىلىرى رەڭگارەڭ گۈللەرگە ئورىلىپ جىلۋە قىلىپ تۇرىدۇ. بەزىلىرى نەپىس، چىرايلىق، تەسىرلىك، جانلىق كۆرۈنىدۇ. كىشىلەر ئۇلارنى دائىم زاللارغا، ھويلا - ئاراملارغا، بالكون - پېشايۋانلارغا، كارىدور - ئايۋانلارغا تىزىپ قويىدۇ ياكى ئۆيلەرنىڭ ئالدىغا، چىتلاق - قاشالارنىڭ يېنىغا، يول بويلىرىغا تېرىپ ئۆستۈرۈپ چوڭ تاشلار، دەل - دەرەخلەر، خۇش پۇراق ئوت - چۆپلەر، كىچىك راۋاقلارغا سەپلەپ ئۆستۈرسە، تېخىمۇ كۆركەم، تېخىمۇ قەدىمىي گۈزەل مەنزىرە شەكىللىنىپ كىشىنى شېرىن خىياللارغا چۆكتۈرىدۇ. جۇخار گۈلنىڭ گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدقا بولغان قارشىچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، ئىس - تۈتەك ۋە توزانلارنى، ھىدروخلورىد، ھىدروفتورىد قاتارلىق زىيانلىق گازلارنىمۇ سۈمۈرۈپ قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. شۇڭا، مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ، زاۋۇت ‐ كانلاردەك بۇلغانغان رايونلاردا كېڭەيتىپ تېرىپ ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
جۇخارگۈل | UyghurWiki | UyghurWiki