UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدەپنە دەرىخى

دەپنە دەرىخى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى دۇنيادا ھايۋانلارنى يەيدىغان ئۆسۈملۈكلەر تەخمىنەن500 تۈردىن ئاشىدۇ، لېكىن زور كۆپچىلىكى بىرقىسىم ئۇششاق ھاشاراتلارنىلا يېيەلەيدۇ. ھىندونېزىيىنىڭ ياۋا ئارىلىدا ئۆسىدىغان دەپنە دەرىخى بولسا تەپتارتماي ئادەم «يەيدۇ». دەپنە دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى8 −9 مېتىر بو لۇپ، ناھايىتى كۆپ ئۇزۇن شاخلىرى يەرگىچە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، بەزىلىرى ئۈزۈلۈپ كەتكەن توك سىملىرىدەك شامالدا لەپەڭلەپ تۇرىدۇ. ئەگەر بەزى ئادەملەر ئېھتىياتسىزلىقتىن شاخلارغا تېگىپ كەتسە، دەرەختىكى بارلىق شاخلارنىڭ ھەممىسى ئالۋاستى چاڭگىلىدەك ئوخشاش بىر يۆنىلىشكە قاراپ ئۇزىراپ كېلىپ ئادەمنى چىرمىۋالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بارغانسېرى چىڭ چىرماپ، ئادەمنى قىمىرلىيالماس قىلىۋېتىدۇ. دەرەخ شاخلىرى ناھايىتى تېزلا يېپىشقاقلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بىر خىل شىلىم سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ئولجا قىلىنغان «يېمەكلىك» نى ھەزىم قىلىۋېتەلەيدۇ، ئادەم، ھايۋانلار بۇنداق سۇيۇقلۇققا يېپىشىپ قالسا، ئاستا - ئاستا ھەزىم قىلىنىپ، دەرەخنىڭ مەززىلىك تامىقىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. دەپنە دەرىخىنىڭ شاخلىرى ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرۈپ بولغاندا، يەنە كەڭ يېيىلىپ لىڭشىپ، يەنە بىر نۆۋەتلىك يەردە قاپقان، ئاسماندا تورىنى يېيىپ، كېيىنكى بىر قۇربان بولغۇچىنى تۇتۇشقا تەييارلىق قىلىدۇ. يەرلىك ئادەملەر ئۇنىڭ «مىجەز» ىگە ئاساسەن، ئالدى بىلەن ئۇنى بېلىق بىلەن بېقىپ تويغۇزغاندىن كېيىن، دەرھال ئۇنىڭ دەرەخ شىرنىسى (شىلىم سۇيۇقلۇقى) نى يىغىۋېلىپ، دورا ياسايدىغان ئەتىۋارلىق ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
دەپنە دەرىخى | UyghurWiki | UyghurWiki