مېھرىقۇت
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
مېھرىقۇت خەلق ئارىسىدا «ئابىھايات» ئوتى دەپمۇ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ «ئوت - چۆپ» بولماستىن، بەلكى ئەتىۋارلىق ئۆسۈملۈك زەمبۇرۇغى بولۇپ، تەختلىك زەمبۇرۇغلار سىنىپى، كۆپ تۆشۈكلۈك زەمبۇرۇغلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ كۆپىنچە تاغلىق رايونلاردا ئۆسىدىغان ئۇچلۇق يوپۇرماقلىق دۇپ دەرىخى، چىشسىمان يوپۇرماقلىق دۇپ دەرىخى، پروپكىلىق دۇپ دەرىخى قاتارلىق كەڭ يوپۇرماقلىق دەرەخلەرنىڭ كۆتەكلىرىدە ياكى چىرىگەن يىلتىزلىرىدا پارازىت ياشايدۇ.
مېھرىقۇت زەمبۇرۇغى زەمبۇرۇغ يىپچىلىرى تەنچىسى بىلەن تەختلىك سپورا تەنچىلىرىدىن تۈزۈلىدۇ. دورا قىلىنىدىغان مېھرىقۇت دەل سىلىندىر شەكىللىك زەمبۇرۇغ سېپىدىن ئۆسۈپ چىققان بۆرەك شەكىللىك زەمبۇرۇغ قالپىقى (تەختلىك سپورا تەنچىسى)دىن ئىبارەت. ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىدە ھالقىسىمان قىرلىق سىزىقلىرى بولۇپ، ئايلانما سانىغا ئاساسەن ئۆسكەن يىلىنى ھېسابلاپ چىقىشقا بولىدۇ. مېھرىقۇت يۇمران ۋاقتىدا ئاق رەڭدە، پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن قىزغۇچ قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ سىرغا ئوخشاش پارقىرايدۇ. زەمبۇرۇغ قالپىقىنىڭ ئارقا تەرىپىدە كۆپ تۆشۈكلۈك تەختلىك سىپورا قەۋىتى بولۇپ، ئاق ياكى سۇس قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. پىشقان چاغدا زەمبۇرۇغ نەيچىلىرىدىن زور مىقداردا قوڭۇر رەڭلىك سىپورىلار چېچىلىپ چىقىدۇ. ئۇلار مۇۋاپىق شارائىت ئاستىدا بىخلىنىپ زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە يېتىلىپ تەختلىك سىپورا تەنچىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.
مېھرىقۇت تەركىبىدە ئالكالوئىد (ئۆسۈملۈك ئىشقارى)لار، ستېروللار، لاكتونى كومارىنلار، كىسلاتا خاراكتېرلىك سىمۇلا، ئامىنو كىسلاتالىرى، مايلار ھەم ئوكسىدلاش خاراكتېرىدىكى ماددىلار بولىدۇ. مېھرىقۇت زەمبۇرۇغ يىپچە تەنچىسىدە يەنە كۆپ خىل ئېنزىملارمۇ بولىدۇ. مېھرىقۇت تەننى قۇۋۋەتلەپ بەدەننى كۈچلەندۈرگۈچى بىر خىل دورا ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەبىئىتى سەل ئىسسىق، تەمى ئاچچىق بولۇپ، تەننى قۇۋۋەتلەپ قان تولۇقلاش، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، يۆتەل توختىتىپ ھاسىراشنى يوقىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئۇ يەنە نېرۋا ئاجىزلىق، يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان قان تومۇرلۇق يۈرەك كېسەللىكى، خولېستېرىن زىيادە يۇقىرىلاپ كېتىش، ياشانغانلاردىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى، بالىلاردىكى زىققە كېسەللىكى، ئاق قان دانچىلىرى ئازىيىپ كېتىش كېسەللىكى ۋە كېشەن كېسەللىكى قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.
ھازىر كىشىلەر مېھرىقۇتتىن بىر خىل دورىلىق ئوكۇل سۇيۇقلۇقى ياساپ چىققان بولۇپ، سېرىق مېھرىقۇت، سۆسۈن مېھرىقۇت ۋە قارا مېھرىقۇتلارنىڭ ئوكۇل سۇيۇقلۇقلىرى ئارقىلىق كاناي ياللۇغى، زىققە، بۆرەك ياللۇغى قاتارلىقلارنى داۋالىماقتا. كىشىلەر ئۇنىڭدىن يەنە مۇرەككەپ رېتسېپلىق مېھرىقۇتⅠ، مېھرىقۇتⅡ ۋە مېھرىقۇتⅢ قاتارلىق بىرىكمە دورىلارنى ياساپ چىقىپ ئايرىم - ئايرىم ھالدا دەم سىقىلىش (زىققە)، يۇقىرى قان بېسىم، نېرۋا ئاجىزلىق، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالىغاندا ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مېھرىقۇت جەۋھىرى، مېھرىقۇت سۇيۇق دورىسى، مېھرىقۇت تىنېكتورىيىسى قاتارلىقلار بار.
مېھرىقۇت ئېلىمىزگە ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولۇپ، خەينەندىن شەرقىي شىمالغىچە بولغان ھەممە يەردىن ئۇنى تاپقىلى بولىدۇ. خەينەن ئارىلىدىن ئەڭ كۆپ چىقىدىغان بولۇپ، تەخمىنەن30 نەچچە تۈرى بار.