شاپتۇل
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال ئېگىزلىكى شاپتۇلنىڭ يۇرتى بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ3000 يىلدىن ئارتۇق ئۆستۈرۈش تارىخىغا ئىگە. شاپتۇل خەلق ئىچىدە ئەزەلدىنلا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەشنىڭ سىمۋولى قىلىنغان. كىچىكلەر ھەر نۆۋەت چوڭلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەندە، دائىم ئۆمۈر تىلەش شاپتۇلىنى سوۋغا قىلىدۇ. كونىنى ئۇزىتىپ يېڭىنى كۈتۈۋالىدىغان چاغان بايرىمىدا، ئۆي - ئۆيلەردە شاپتۇلغا ئوخشىتىلغان باھار بايرىمى مەسنەۋىسى ئېسىپ، تىنچ - ئامانلىقنى تىلەيدۇ. رىۋايەتلەردە سۈن ۋۇكۇڭ تەڭرى ئانىنىڭ سېھىرلىك شاپتۇلىنى ئوغرىلىقچە يەپ قويۇپ بالادا قالغانلىقى سۆزلىنىدۇ.
شاپتۇل ئەتىرگۈل ئائىلىسىگە كىرىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان كىچىك دەرەخ. گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ، كۆپلىرىنىڭ رەڭگى ھال رەڭ بولىدۇ. توق قىزىل، قىپقىزىل، ئاپئاق ۋە ئاق - قىزىل ئارىلاش كەلگەن قاتارلىق رەڭلەردىكى ئۆزگەرگەن سورتلىرىمۇ بار. مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدىغان شاپتۇل، مەسىلەن، قات تاجلىق شاپتۇلگۈلدىن باشقا شاپتۇل دەرەخلىرى ئومۇمەن ئۆز گۈلىدىن چاڭلىشىپ ئۈچكىلىك مېۋە تۇتىدۇ. مېۋىلەش نىسبىتى %80 − %90 كە يېتىدۇ.
شاپتۇلنىڭ پۈتۈن دۇنيادا3000 دىن ئارتۇق سورتى، مەملىكىتىمىزدە800 دىن ئارتۇق سورتى بار، ئوخشاش بولمىغان رايونلاردىكى سورتلىرىنىڭ پىششىش مەزگىلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، مەملىكىتىمىزدە ھەر يىلى ئاپرېلدىن باشلاپ ھەر ئايدا يېڭى شاپتۇللار بازارغا سېلىنىدۇ.
مېۋىسى ئەڭ يوغانلىرى شەندۇڭنىڭ «فېيچىڭ فوتاۋ» شاپتۇلى ۋە «شېنجۇ شۈي مىتاۋ» شاپتۇلى بولۇپ، چوڭلىرى500 گرامدىن ئاشىدۇ. رىۋايەتلەردىكى «سېھىرلىك شاپتۇل» − سېرىق شاپتۇل ھازىر سېرىق گۆشلۈك شاپتۇل دەپ ئاتىلىدۇ، غەربىي جەنۇب، غەربىي شىمال رايونلىرىدا ناھايىتى كەڭ ئۆستۈرۈلىدۇ، كونسېرۋالىق يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەشكە باب كېلىدۇ.
«شەرقىي دېڭىز مۇقەددەس دەرىخى» دەپ ئاتالغان ئەنجۈر شاپتۇل ئاساسلىقى جياڭسۇ، جېجياڭ ئەتراپلىرىغا تارالغان. ئېسىل شاپتۇل مېۋىلىرى قاتاردىكى جېجياڭ فىڭخۇا رايونىنىڭ «يۈلۇتاۋ» شاپتۇلىنىڭ تەمى تاتلىق، خۇشبۇي پۇرىقى ئۆتكۈر، سۈپىتى ناھايىتى ياخشى، شىنجاڭدىمۇ ئەششاپتۇل، ياما شاپتۇل، توقاچ شاپتۇل قاتارلىق داڭلىق سورتلىرى بار بولۇپ، ناھايىتى سۇلۇق ھەم مەززىلىك.
مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدىغان گۈللۈك شاپتۇللار ئىچىدە قات تاجلىق شاپتۇلگۈل ئەڭ ئېسىل سورتى ھېسابلىنىدۇ. قات تاجلىق شاپتۇلگۈللەر ئىچىدە يەنە قىزىل گۈللۈك (قىپقىزىل گۈللۈك) قات تاجلىق شاپتۇلگۈل ۋە چوڭ گۈللۈك قات تاجلىق شاپتۇلگۈل دەرەخلىرى ئەڭ كۆركەم ھېسابلىنىدۇ. يەنە پاكار ئۆسىدىغان، تەشتەكلەردە ئۆستۈرۈلىدىغان «ئۆمۈر چولپىنى شاپتۇلى»، رىۋايەتلەردە تىلغا ئېلىنىدىغان «پەرىزات شاپتۇلى» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدىغان ئاتاقلىق سورتلىرىدۇر.