UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىئۆسۈملۈكنىڭ مۇزىكا ئاڭلىشىدىكى سىر

ئۆسۈملۈكنىڭ مۇزىكا ئاڭلىشىدىكى سىر

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى بەزى ئۆسۈملۈكلەر مـۇزىكـا ئىـپـادىلەش ئىـقـتىدارىغا ئىگە بـولـۇپلا قالماستىن، بەلكى تۈرلۈك ئاھاڭلاردىكى «ناخشا» لارنىمۇ ئېيـتـالايـدۇ، يەنە كېلىپ، ئۇلار مۇزىكا ھەۋەسكارى بولۇپ، يېقىملىق «سىمفونىـيـە» ئاڭلاشقا ئامراق. ئالىملار بۇ سىرنى بايقىغـانـدىن كېيىن، دېـھـقانـچـىـلـىـق زىرائەتلىرىگە مۇزىكا قويۇپ بېرىش ئارقىـلـىـق ئۇلارنـىـڭ مـەھسـۇلاتـىـنـى ئاشۇرغىلى بولامدۇ، دېگەن خىيالغا كەلدى، تەجرىبىلەر بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. فرانسىيىلىك بىر باغۋەنچىلىكشۇناس نائۇشنىكـنـى پەمىدۇرغا تاقاپ ئۇنىڭغا ھەر كۈنى ئۈچ سائەت مۇزىكـا ئاڭلاتـقـان، نـەتىجىدە پەمىدۇرنىڭ ئېغىرلىقى5 .2 كىلوگرامغا يېتىپ، دۇنيا رېكورتىنى يـاراتـقـان. فرانسىيە دۆلەت تەتقىقات مەركىزىدىـكـى ئالـىـملار ئۇلتـرا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق كۆكتات ئۆستۈرگەن، كۆكتاتلار ئۇلترا ئاۋاز دولـقۇنىنىڭ «مۇزىكا» سىغا ئەگىشىپ «ئۇسسۇل» ئوينىغان، ئۇلارنىڭ ئۆسۈش سـۈرئىـتـى بىر ھەسـسىدىن كۆپرەك ئاشقان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيىدىكـى ئالىملارمۇ ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق25 كىـلوگرام كېلىدىغان تـۇرۇپ ۋە27 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى كاللەكبەسەينى يېتىشتۈرگەن. ئېلىمىز ئالىملىرىمۇ قوڭغۇراقگۈل قاتارلىق جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۇرۇقىنى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بىلەن بىر تەرەپ قىلغان، نەتىجىدە ئۇلارنىڭ بىخلىـنىـش نـىـسـبـىـتـى ئومـۇمـيـۈزلـۈك ئىككى ھەسسىدىن تۆت ھەسسىگىچە ئاشقان. نېمە ئۈچۈن ئاۋاز دولقۇنى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنـىـڭ ئۆسـۈشـىـنـى تېزلىتىدۇ؟ ئالىملار دەسلەپكى قەدەمدە ئاۋاز دولقۇنى ئۆسـۈمـلـۈكـلـەرنىـڭ فوتوسىنتېز رولىنى تېزلىتىپ، ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى تېزلەيدۇ، دەپ قارىدى. ئەگەر بۇ سىر تولۇق ئېچىـلـسـا كـىـشـىـلـەر مـەلـۇم يـوللار ئارقـىـلـىـق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ «مۇزىكا» غا بولغان تەلىپىنى قانائەتـلـەنـدۈرۈپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش مەقسىتىگە يېتىشى، شۇنىڭدەك دېھـقـانـچـىـلـىـق زىرائەتلىرىنىڭ ئەلا سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە ئاسان يول تېپىـپ چىقىشىمۇ مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئۆسۈملۈكنىڭ مۇزىكا ئاڭلىشىدىكى سىر | UyghurWiki | UyghurWiki