قەپەسئوت
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قەپەسئوت ھاشاراتخور ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان يېرىم چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن3 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى ئۆزگىچە، تۈۋى قىسمى ياپىلاق، ئوتتۇرا قىسمى ناھايىتى ئىنچىكە، ئوق تومۇرى ئۇزىراپ بۇرۇتچىغا ئايلانغان، بۇرۇتچىنىڭ ئۇچىدا ئۇزۇن يۇمىلاق شەكىللىك بىر «ھاشارات تۇتۇش قۇتىسى» ئېسىلىپ تۇرىدۇ، قۇتا ئېغىزىدا قاپقىقى بولۇپ، ئېچىلىپ - يېپىلالايدۇ. سىرتقى شەكلى قەپەسكە ئوخشىغاچقا قەپەسئوت دەپ ئاتالغان.
ھاشارات تۇتۇش قۇتىسىنىڭ تۈزۈلۈشى بىرقەدەر ئالاھىدە، قۇتىسىنىڭ ئىچكى دىۋارىدا نۇرغۇن موم ماددىلىرى بولۇپ، ئىنتايىن سىلىق، ئوتتۇرا قىسمىدىن تۈۋى قىسمىغىچە بولغان ئىچكى دىۋارىدا تەخمىنەن1 مىليونغىچە ھەزىم قىلىش بەزلىرى بولۇپ، زور مىقداردا رەڭسىز، سۈزۈك، سەل - پەل پۇراقلىق كىسلاتا خاراكتېرلىك ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ، بۇنداق ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە ھاشاراتنى پالەچلەندۈرۈپ، زەھەرلەيدىغان ئامىنلار ۋە سىكۇتىنلار بار. بۇنداق ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئادەتتىكى چاغلاردا ھاشارات تۇتۇش قۇتىسىنىڭ ئىچىدە دائىم يېرىمىغا كەلگۈچە قاچىلاقلىق تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھاشارات تۇتۇش قۇتىسىنىڭ قاپقىقىنىڭ ئىچكى يېنى ۋە گىرۋەك قىسمىدا نۇرغۇن ھەسەل بەزلىرى بولۇپ، ھەم خۇش پۇراقلىق، ھەم تاتلىق شىرنە سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ھاشاراتلارنى ئازدۇرۇپ جەلپ قىلالايدۇ. ھاشارات تۇتۇش قۇتىسى بۇنداق شىرنىلىك قۇتىنىڭ قاپقىقىنى ئاچقاندا، نۇرغۇن ئاچ كۆز ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىپ كېلىدۇ، ئۇششاق ھاشاراتلار ھاشارات تۇتۇش قۇتىسىغا چۈشۈپ كېتىپلا قالسا، قۇتا قاپقىقى ئۆزلۈكىدىن دەرھاللا يېپىلىپ قالىدۇ، ھاشاراتلار ناھايىتى تېزلا زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي، ھاشاراتنىڭ پۈتۈن تېنى قەپەسئوتنىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلىرىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئارقىدىنلا «شىرنە قۇتىسى» نىڭ قاپقىقى يەنە ئېچىلىپ، كېيىنكى ئولجىنى تۇتۇشنى كۈتىدۇ.
قەپەسئوت كۈنگەي، نەم جايلاردا ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەگەر ئۆسكەن تۇپرىقى زىيادە قۇرغاق بولسا، ھاشارات تۇتۇش قۇتىسنى ئۆستۈرۈپ چىقىرالمايدۇ. قەپەسئوت تولىراق ھىندى ئوكياندىكى تاقىم ئاراللار، سرى لانكا قاتارلىق تىروپىك بەلۋاغ ئورمانلىرىغا تارالغان. مەملىكىتىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جەنۇبى ۋە يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىگىمۇ تارالغان.
قەپەسئوتنىڭ تۈرى ئوندىن ئارتۇق. ئوخشىمىغان تۈرلىرىنىڭ ھاشارات تۇتۇش قۇتىسىنىڭ شەكلى، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە رەڭگى ئوخشاشمايدۇ. ئەڭ چوڭلىرى40 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، مىڭئاياغ ۋە كىچىك چاشقانلارنى تۇتالايدۇ. رەڭلىرى قىزىل، سېرىق، يېشىل بولۇپ پەرقلىنىدۇ. قەپەسئوتنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. جىگەر ياللۇغى، ئاشقازان ئاغرىش، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى ۋە زۇكام قاتارلىق كېسەللىكلەرگە قارىتا بەلگىلىك داۋالاش ئۈنۈمى بار.