ئوخروما دەرىخى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئېكۋادوردىن ئوخروما ياغىچى كۆپ چىقىدۇ، بىر تال ھەم توم، ھەم ئۇزۇن لىم ياغىچىنى ئىككى ئادەم ئىككى بېشىدىن تۇتۇپ كۆتۈرۈپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇخروما دەرىخى پروپكا قىلىنىدىغان پروپكىلىق دۇب دەرىخىدىن تېخىمۇ يېنىك بولۇپ، ئوخروما ياغىچىنىڭ ئېغىرلىقى پروپكىلىق دۇبنىڭ يېرىمىچىلىكلا كېلىدۇ، دۇنيادىكى ئەڭ يېنىك دەرەخ ھېسابلىنىدۇ.
ئوخروما دەرىخى پاختا دەرىخى ئائىلىسى، ئوخروما ئۇرۇقدىشىدىكى بىردىنبىر دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان ئوتتۇراھال دەرەخ. بىر تۈپ10 يىللىق ئوخروما دەرىخىنىڭ ئېگىزلىكى16 مېتىرغا يېتىدۇ. دىئامېتىرى50 −60 سانتىمېتىر كېلىدۇ. يوپۇرمىقى كەڭ يۈرەك شەكىللىك، شاخلىرىدا نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى چوڭ، سارغۇچ ئاق رەڭلىك بولۇپ، دەرەخ باراقسىنىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا ئۆسىدۇ. ئۇزۇن يۇمىلاق غوزا مېۋە تۇتىدۇ. ئىچىدە پاختىسىمان تۇتام تۈكچىلىرى بولىدۇ، مېۋىسى بەش پارچە مېۋە تىلىمچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن. ئۇرۇقى دۈم تۇخۇمسىمان، سۇس قىزىل ياكى قەھۋە رەڭلىك، سىرتى چىگىتكە ئوخشاش زىچ تىۋىت تۈكچىلىرىگە قاپلانغان.
ئوخروما دەرىخىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئامېرىكا قىتئەسى ۋە غەربىي ھىندى تاقىم ئاراللىرى بولۇپ، يەرلىك كىشىلەر ئۇنى «بالسام» دېيىشىدۇ. «بالسام» نىڭ ئىسپان تىلىدىكى مەنىسى «سال» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئوخروما ياغىچىدا ياسالغان سال ئالاھىدە زور لەيلىتىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى توشۇشقا بولىدۇ.
ئوخروما دەرىخى دۇنيادىكى ئەڭ تېز ئۆسىدىغان دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى، بىر يىلدىلا ئېگىزلىكى5 −6 مېتىرغا، دىئامېتىرى5 ~13 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. ئۇنىڭ تېنىدىكى ھۈجەيرە - توقۇلمىلارنىڭ يېڭىلىنىشى ناھايىتى تېز بولغاچقا، ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ئادەتتىن تاشقىرى يېنىك، يۇمشاق ھەم ناھايىتى ئېلاستىكلىق.
قۇرۇق ئوخروما ياغىچىنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى1 .0 ~25 .0 بولۇپ، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدۇ ھەم ئاۋاز ئۆتكۈزمەيدۇ، سۈپەتلىك ئىزولياتسىيە ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. ئاۋاز ئۆتكۈزمەس ئۈسكۈنىلەر، قۇتقۇزۇش سايمانلىرى ھەم ئايروپىلان قاتارلىقلارنى ياساشنىڭ ئەلا سۈپەتلىك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.
مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇبىي تەرەپلىرىدىكى گۇاڭشى، فۇجيەن، خەينەن ئارىلى، تەيۋەن ۋە يۈننەنلەردە ئوخروما دەرىخى كىرگۈزۈلۈپ كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلمەكتە.