سېرىق شەمشاد
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ياپونىيىنىڭ ئاتاقلىق بۇددا دىنى رايونى بولغان كويا تېغىدا بىر پارچە سېرىق شەمشادزارلىق بار. ئۇ دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى30 −40 مېتىر، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى3 مېتىر كېلىدۇ. سېرىق شەمشاد ھازىرقى زامانغىچە ئامان قالغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ دەرەخ شەكلى بېجىرىم، تۇرقى ئىنتايىن كېلىشكەن بولۇپ، دۇنيا بويىچە ھويلا - ئاراملاردا ئۆستۈرۈلىدىغان بەش چوڭ دەرەخنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
سېرىق شەمشاد يەنە كۈنلۈكسىمان شەمشاد، ياپونىيە سېرىق شەمشادى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شەمشاد ئائىلىسىگە كىرىدۇ. يوپۇرمىقى ئىككى خىل تىپقا بۆلۈنىدۇ: بىر خىلى ئىككى تال ھەقىقىي يوپۇرماق قوشۇلۇپ شەكىللەندۈرگەن تار-ئۇزۇن يىپسىمان يوپۇرماق، ئۇ ياپىلاق ھەم قېلىن، قېنىق يېشىل ھەم پارقىراق كېلىدۇ؛ يەنە بىرخىلى سارغۇچ قوڭۇررەڭلىك تەڭگىچىسىمان كىچىك يوپۇرماق. ئاپرېلنىڭ باشلىرىدا چېچەكلەيدۇ. ئاتىلىق - ئانىلىقلىرى بىر تۈپتە بولۇپ، شارچە مېۋىسى تۇخۇمسىمان ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك، ئۆكتەبىردە پىشىدۇ، ئۇرۇقىدا تار قانىتى بولىدۇ.
سېرىق شەمشاد ئىشىكنىڭ ئىككى يېنىغا ئۇدۇل قىلىپ تىكىپ ئۆستۈرۈشكە ياكى گۈلزارلىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا يالغۇز تىكىپ ئۆستۈرۈپ، گۈلزارلىقتىكى مەركىزىي دەرەخ قىلىشقا ماس كېلىدۇ. ھويلا باغچىسىغا3 ~5 تۈپنى بىر يەرگە توپ تىكىپ ئۆستۈرسە ئىنتايىن كۆركەم كۆرۈنىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ خاڭجۇ، شاڭخەي، چىڭداۋ، نەنجىڭ، لۇشەن، ۋۇخەن قاتارلىق جايلىرىنىڭ ھەممىسىدە تىكىپ ئۆستۈرۈلمەكتە، ئۇ دۇنياغا تونۇلغان مەنزىرە دەرىخى ھېسابلىنىدۇ