نەرگىسگۈلى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
نەرگىسگۈلى گەرچە شاھزادىگۈل تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى ئون چوڭ داڭدار گۈل» قاتارىدىن سىقىپ چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا «زىمىستان قىشتىكى پەرىزات» تەك نەپىس، خۇش پۇراق، ھۆسن ‐ جامالى بىلەن داڭق چىقارغان.
زىمىستان قىش كۈنلىرىدە، بىر قاچا سۇدا ئۆستۈرۈلگەن نەرگىسگۈلىنىڭ ياپيېشىل يوپۇرماقلىرى چىقىپ، نەپىس، خۇش پۇراق گۈللىرى چېچەكلەپ، ئادەملەرگە ھاياتبەخش ئېتىدۇ ۋە باھار تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ.
جۇڭگودىكى نەرگىسگۈللىرى ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى فۇجيەن ئۆلكىسىدىكى جاڭجۇدىن چىقىدىغىنى بولۇپ، ئەزەلدىنلا شارچە غولىنىڭ چوڭلۇقى، شەكلىنىڭ چىرايلىقلىقى، گۈللىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭقى كەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا مەسىلەن، جېجياڭنىڭ جۇشەن، فۇجيەننىڭ پىڭتەن ۋە خۇنەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، يۈننەن، سىچۇەنلەرنىڭ ھەممىسىدە نەرگىسگۈلى ئۆستۈرۈلىدۇ.
نەرگىسگۈلى2 -3 يىل ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن چېچەكلەيدۇ. ئادەتتە بازارلاردا تەمىنلىنىۋاتقان تەڭگىچە غول شارچىلىرى تىكىپ ئۆستۈرۈلسە، شۇ يىلىلا چېچەكلەيدۇ. گۈللىرىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى تەڭگىچە غول شارچىسىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، ئۆيدە نەرگىسگۈلى ئۆستۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن غول شارچىسىنى ياخشى تاللاش كېرەك. بىرىنچىدىن، شارچىسى چوڭ، ياپىلاق ھەم كەڭ، پاكار ھەم سېمىز، چوققىسى توم، غول تەخسىسىنىڭ تۈۋى قىسمى كەڭ، قېلىن ۋە تومپىيىپ چىققانلىرىنىڭ گۈلى كۆپ بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بىخلىرىنى تەكشۈرۈش كېرەك. غول شارچىسىنى قول بىلەن چىمدىغاندا قاتتىقلىرى گۈل بىخى، يۇمشاقلىرى يوپۇرماق ھېسابلىنىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، شەكىل يارىتىش ئېھتىياجىغا قاراپ شەكلىنى تاللاش لازىم. غول شارچىسىنى تاللىۋالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن تەڭگىچە غولدىكى لاي - داڭگاللار ۋە قۇرۇپ كەتكەن چاچما يىلتىزلارنى، قوڭۇر رەڭلىك سىرتقى پوستى ھەم كېسەللىك، قاقاچ تەڭگىچىلەرنى تازىلاپ ئېلىىۋېتىش لازىم. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بىۋاسىتە سۇدا ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇنداقلىرى تۈز نەرگىس دېيىلىدۇ. ئەگەر ئاددىيلا ئويۇپ نەقىشلەنگەن بولسا، قەلەم تىرىگۈچ نەرگىس ياكى پۈتمىگەن نەرگىس دېيىلىدۇ. ئەگەر كۆڭۈل قويۇپ نەقىشلەپ ئويۇلغان بولسا، قىسقۇچپاقا بارمىقىسىمان نەرگىس دېيىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەخسۇس يىلتىزىنى تاماشا قىلىدىغانلىرى بولۇپ، ئەينەك قۇتىلاردا سۇدا ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. ئەينەكتىن ئاپئاق ئىنچىكە ئۇزۇن يىلتىز سىستېمىسى كۆرۈنۈپ تۇرسا كىشىنى ئوخشاشلا چەكسىز مەپتۇن قىلىدۇ.
نەرگىسگۈلىنىڭ گۈللەش (ئېچىلىش) مەزگىلىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەشكە بولىدۇ. ئەگەر باھار بايرىمىدا چېچەكلىشى تەلەپ قىلىنسا، بىر ئاي بۇرۇن سۇدا ئۆستۈرۈپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسىنى ℃ 1 ~℃ 4 تا كونترول قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر كۈندە سۇ ئالماشتۇرۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا ئادەتتە گۈللەش مەزگىلىنى15 ~20 كۈن ئەتراپىدا ساقلاشقا بولىدۇ.