ئارتوكارپۇس مېۋىسى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئارتوكارپۇس مېۋىسى تەمىنىڭ ھەسەلدەك تاتلىقلىقى، پۇرىقىنىڭ كۈچلۈكلۈكى، جۇغىنىڭ ئاجايىپ چوڭلۇقى بىلەن داڭلىق. ئۇنىڭ دەرەخ تۈسى ھەيۋەتلىك، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئېگىزلىكى20 −30 مېتىرغا يېتىدۇ. گۈلى بىر جىنسلىق، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە بولۇپ، ئۇششاق چېچەكلەپ، چوڭ مېۋىلەيدۇ. مېۋىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى30 ~60 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئادەتتىكى بىر تال مېۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى20 كىلوگرام ئەتراپىدا، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ بولسا40 كىلوگرام ئەتراپىدا كېلىدىغان مۇرەككەپ مېۋىدۇر.
ئارتوكارپۇس دەرىخىنىڭ چېچەكلەپ مېۋىلىشى باشقا دەرەخلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ،4 −5 يىللىق ياش دەرەخلەرنىڭ ئاساسىي شېخىدا چېچەكلەپ مېۋىلەيدۇ. دەرەخ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ مېۋىلەش ئورنى تەدرىجىي تۆۋەنگە سۈرۈلىدىغان بولغاچقا، قېرى غوللىرى چېچەكلەپ مېۋىلىرى ساڭگىلاپ تۇرىدىغان ئاجايىپ مەنزىرە پەيدا بولىدۇ. تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى، دەرەخ قېرىلىق مەزگىلىگە يەتكەندە ئاساسىي يىلتىزىمۇ مېۋىلەيدۇ. ئەگەر ئۇنى بامبۇك ياغىچىدا يېپىلغان گەمە ئۆي ئەتراپىغا تىكىپ قويسا دەرەخ يىلتىزلىرى ئۆي تورۇسىنى تېشىپ كىرىپ، ئۆي ئىچىدىمۇ مېۋىلەيدۇ ھەم پۇرىقى ئۆي ئىچىنى بىر ئالىدۇ.
ئارتوكارپۇس دەرىخىنىڭ ئەسلىي ماكانى ھىندىستان بىلەن مالايسىيا بولۇپ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن1000 يىللار ئىلگىرى ھىندىستاندىن ئېلىمىزنىڭ خەينەن ئارىلىغا كىرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى جايلاردا ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىغان.
ئارتوكارپۇس دەرىخىنىڭ مېۋىسىنى خام يېيىشكە بولىدۇ؛ ئۇرۇقى كاشتانچىلىك چوڭلۇقتا بولۇپ، تەركىبىدە زور مىقداردا كراخمال بولىدۇ؛ ئۇنى قورۇپ يېيىشكە ياكى قاينىتىپ تاماق ئورنىدا يېيىشكە بولىدۇ؛ تەمى تارونىڭ تەمىگە ئوخشايدىغان بولغاچقا، ياغاچ غوللۇق ئاشلىق زىرائىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئارتوكارپۇس دەرىخىنىڭ ياغاچ سىزىقچىلىرى تۈز، تۈزۈلۈشى پۇختا بولۇپ، ياغىچىدىن ئۆي جاھازلىرى ياساشقا، ياغاچ قىرىندىسىنى سېرىق بوياق ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپىدە بىر خىل سۈتسىمان شىرنە بولۇپ، يېپىشقاقلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، ساپال (فارفور) بۇيۇملارنى چاپلايدىغان دەرەخ يېلىمى ياساشقا بولىدۇ. يوپۇرماقلىرى ۋە سۇلىرى دورا ئورنىدا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئىششىق ياندۇرۇش ۋە زەھەر قايتۇرۇش رولىغا ئىگە.