يۈز چەۋەنداز كاشتىنى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
دۇنيادا نۇرغۇن گىگانت دەرەخلەر بار. شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئەڭ يوغان «دۇنيا بوۋىسى» گىگانت شەمشادنىڭ دىئامېتىرى12 مېتىرغا يېتىدۇ. ئافرىقا قىتئەسىدىكى پور سېمىز دەرەخ مايمۇن بولكا دەرىخىنىڭ دىئامېتىرىمۇ10 مېتىردىن سەل ئاشىدۇ. بىراق، يۈز چەۋەنداز كاشتان دەرىخىگە سېلىشتۇرغاندا ئۇلارنى ئۇكىسى دېيىشكىلا بولىدۇ.
يۈز چەۋەنداز كاشتىنى «يۈز ئاتلىق دەرەخ» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوتتۇرا دېڭىز سىسىلى ئارىلىدىكى ئېتنا يانارتېغىنىڭ يانباغرىدا ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ غولىنىڭ دىئامېتىرى5 .17 مېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى55 مېتىر كېلىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ توم دەرەخ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەڭ توم ئۆسۈملۈكتۇر.
رىۋايەت قىلىنىشىچە، قەدىمكى ئاراگون پادىشاھىنىڭ خانىشى يېنى بىر قېتىم يۈز چەۋەندازنى باشلاپ ئېتنا يانار تېغىغا كېلىپ تاماشا قىلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز شارقىراپ يامغۇر يېغىپ كەتكەنىكەن، يۈز چەۋەنداز ئالدىراش ئاتلىرىنى چاپتۇرۇپ بۇ بىر تۈپ يوغان كاشتان دەرىخى ئاستىغا كېلىپ يامغۇردىن دالدىلىنىپتۇ. غايەت زور ھەم بولۇق ئۆسكەن دەرەخ باراقسىنى خۇددى بىر تەبىئىي سايىۋەنگە ئوخشاش يۈز ئاتلىق چەۋەندازنى يامغۇردىن توسۇپ قاپتۇ. شۇڭا، خانىش خۇشاللىقىدا «يۈز چەۋەنداز كاشتىنى» دەپ ئاتىغانىكەن.
يۈز چەۋەنداز كاشتىنى گەرچە كۆپ كەچۈرمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ھازىر يەنىلا شاخ - يوپۇرماقلىرى بولۇق ئۆسۈپ چېچەكلەپ مېۋە بەرمەكتە. ئاساسىي غولىنىڭ تۈۋىنىدە يوغان بىر كامار بار بولۇپ، كاشتان يىغقۇچىلار دائىم شۇ جاينى ۋاقىتلىق قونالغۇ ياكى ئامبار قىلىپ پايدىلىنىدۇ.