UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىقوناق

قوناق

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى قوناق ئېلىمىزدە5000 يىلدىن ئارتۇق تېرىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە. بولۇپمۇ شەرقىي شىمال قونىقى خېلى بۇرۇنلا دۇنياغا تونۇلغان بولۇپ، ئاسىيا «قىزىل گۈرۈچى» دېگەن نامى بار. قوناق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ ئېگىزلىكى3 −4 مېتىرغا يېتىدۇ. تاسمىسىمان يوپۇرمىقى40 ~60 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، يوپۇرماق يۈزى سىلىق ھەم پاراشوكسىمان موم قەۋىتى بولىدۇ. گۈل رېتى كونۇسسىمان بولۇپ، مېۋە باشىقى سۈپۈرگە شەكىللىك ياكى بولقا شەكىللىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. قىلتىرىقلىق مېۋىسى سېرىق، قىزغۇچ سېرىق، قوڭۇر، ئاق رەڭلەردە بولىدۇ. قوناق ئادەتتە ئىسسىق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدىغان، قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرالايدىغان، شورغا چىداملىق، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردا كەڭ كۆلەمدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. تېرىپ ئۆستۈرۈش كۆلىمى جەھەتتە ھىندىستاندا ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئېلىمىز ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. قوناق ئادەتتە خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. غولى ئېگىز ھەم ئىنچىكە، تەركىبىدە تاتلىق شىرنىسى كۆپ بولىدىغىنى شېكەر قوناق (لۇجى) دېيىلىپ، شېكەر چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ غولى نىسبەتەن قىسقىراق، تەركىبىدە شېكەر شىرنىسى يوق بولىدىغىنى قوناق (گاۋلياڭ) دېيىلىدۇ؛ يەنە بىرى بولسا باشاقلىرى شالاڭ سۈپۈرگە قوناقتىن ئىبارەت. ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، قوناقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىكەن، يەنى ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل %82، شېكەر % 7.8 ، ماي %2.2 بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋىتامىن1 B ۋە2 B قاتارلىقلارمۇ بولىدىكەن. قوناقنىڭ يېڭى يوپۇرمىقى ياكى مايسىسى تەركىبىدە ھىدروكسى سىئانوزىدلار بولۇپ، ھايۋانلار ئۇنى يېگەندىن كېيىن ئاشقازاندا ئۆتكۈر زەھەرلىك ھىدروسئانىد كىسلاتاسى ھاسىل بولىدىغان بولغاچقا، قوناقنىڭ يېڭى يوپۇرماق ياكى مايسىلىرى بىلەن ھايۋانلارنى بېقىشقا بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى