UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىسۇكات

سۇكات

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى پۈتۈن دۇنيادا كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى سۇكات ئۇرۇقدىشىغا كىرىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن تەخمىنەن20 تۈر بولۇپ، شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ رايونىغا تارالغان. مەملىكىتىمىزدە پەقەت سۇكات بىرلا تۈر ۋە كەڭ يوپۇرماقلىق سۇكاتتىن ئىبارەت بىرلا ئۆزگەرگەن تۈرى بار بولۇپ، شەرقىي شىمال، غەربىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو رايونلىرىدىكى سازلىقلار ۋە سۇ بويلىرىغا ياكى ئېرىق بويلىرىغا تارالغان. شەكلى كۆپ ئۇچرايدىغان كۆكتات سۇ كەرەپشىسىگە ئوخشايدۇ، شۇڭا ئادەم ۋە ھايۋانلار ئاسانلا خاتالىشىپ يەپ قويۇپ زەھەرلىنىپ قالىدۇ. سۇكات كۆپ يىللىق، يوغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئېگىزلىكى70 ~100 سانتىمېتىر، ئاساسىي غولى قىسقا. يىلتىزسىمان غولى بوغۇملۇق، قوڭۇر رەڭلىك. غولى يالغۇز ھەم تىك ئۆسىدۇ، يۇمىلاق كاناي شەكىللىك، ئوتتۇرىسى كاۋاك. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئۈچبۇرجەكسىمان تېمىنە شەكىللىك. مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى چوققىدا ياكى قولتۇقىدا ئۆسىدۇ، گۈل رېتى سېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى5 .2 ~10 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۇچىدا تەخمىنەن20 تال كىچىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى جايلىشىدۇ، ھەربىرى15 ~35 تال كىچىك، ئاق رەڭلىك گۈل چېچەكلەيدۇ، تۇخۇم شەكىللىك قوش ئاسماق مېۋە چۈشىدۇ، رەڭگى يېشىل بولۇپ، سېرىق رەڭلىك يىرىك قىرلىرى بار. سۇكات تەركىبىدە سۇكات توكسىنى ۋە ئالكالوئىدلار (كۆپ خىل كونىئىن) بولىدۇ، يىلتىز، يىلتىزسىمان غول ھەم يەر ئۈستى قىسىمدىكى ئۆسۈملۈك تۈپلىرىنىڭ ھەممىسى زەھەرلىك، يوپۇرماقلىرى ۋە پىشمىغان مېۋىلىرى تەركىبىدىكى زەھەر مىقدارى ئەڭ يۇقىرى. سۇكاتنىڭ يىلتىزسىمان غولى خۇش پۇراقلىق، تاتلىق تەمى بار، كەسكەن جايدىن سېرىق رەڭلىك دەرەخ يېلىمسىمان سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ، ھاۋا بىلەن ئۇچراشسا رەڭگى تۇتۇقلىشىدۇ، كىشىلەر مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەرگە ئاساسەن ئۇلارنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سۇكات | UyghurWiki | UyghurWiki