UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىئۈجمە دەرىخى ۋە دۇپ دەرىخى

ئۈجمە دەرىخى ۋە دۇپ دەرىخى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر ئۈجمە ئۆستۈرۈپ پىلە قۇرتى باققان دۆلەت، شۇنداقلا بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۈجمە دەرىخىنىڭ تىكىپ ئۆستۈرۈلۈشى ئاز دېگەندىمۇ7000 نەچچە يۈز يىللىق تارىختا ئىگە. قەدىمكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۈجمە دەرىخى بىر خىل مۇقەددەس ۋە تەڭداشسىز «ئىلاھ دەرەخ» دەپ قارىلاتتى. شۇڭا، كىشىلەر بۇتخانىلارنىڭ نەزىر ‐ چىراغ مېھرابلىرىنىڭ ئەتراپىغا كۆپىنچە ئۈجمە دەرەخلىرىنى تىكىپ ئۈجمىزالىق بەرپا قىلىپ، پادىشاھ ئوردىسىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ نەزىر ‐ چىراغ ئۆتكۈزۈپ ئىلاھقا مۇراجىئەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي قىلىپ كەلگەن. جۇڭگو تارىخىنىڭ باشلىنىش مەزگىلىدىكى شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە چىغىناق ‐ تارغاق يېزىقىدا ئۈجمە، پىلە، يىپەك ۋە يىپەك رەختلەرگە ئائىت مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن. جۇ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئۈجمە يوپۇرمىقى يىغىش ۋە پىلە بېقىش ئاللىقاچان كۈندىلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىغا ئايلانغان. ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋرلىرىدە ئۈجمە دەرەخلىرى كۆلەملەشتۈرۈلۈپ ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىغان. ئۈجمە دەرىخىنىڭ ئەسلىي ماكانى ئېلىمىز بولۇپ، ئۇ ئۈجمە ئائىلىسى، ئۈجمە ئۇرۇقدىشىغا كىرىدىغان يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەختۇر. ئۈجمە يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، پىلە قۇرتى باقىدىغان يەم - خەشەك ھېسابلىنىدۇ. ستاتىستىكىلىنىشىچە،1000 تال پىلە قۇرتى لىچىنكا ۋاقتىدىن تارتىپ يىپەك چىقىرىپ غوزەك ھاسىل قىلىشقا قەدەر تەخمىنەن20 كىلوگرام ئۈجمە يوپۇرمىقى يېگەندىلا ئاندىن5 .0 كىلوگرام يىپەك چىقىرالايدىكەن. دۇپ دەرىخىمۇ پىلە بېقىپ يىپەك چىقىرىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، جۇڭگودا3000 نەچچە يىللىق تارىخقا ئىگە. شەندۇڭ قاتارلىق جايلار قەدىمدىن تارتىپ ئېلىمىزنىڭ دۇپ پىلىسىنىڭ ئەسلىي ماكانى ھېسابلىنىدۇ. دۇپ پىلىسىنىڭ يېمەكلىكى دۇپ دەرىخى ئائىلىسى، دۇپ دەرىخى ئۇرۇقدىشىدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. مەسىلەن، شەرقىي لياۋنىڭ دۇپ دەرىخى، موڭغۇلىيە دۇپ دەرىخى، ئۇچلۇق يوپۇرماقلىق دۇپ دەرىخى (چىڭگاڭ دەرىخى)، چىشلىق يوپۇرماقلىق دۇپ دەرىخى قاتارلىقلار. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخلەر بولۇپ، ئېگىزلىكى تەخمىنەن15 ~30 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ يۇمران يوپۇرماقلىرى دۇپ پىلىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئۈجمە دەرىخى ۋە دۇپ دەرىخى | UyghurWiki | UyghurWiki