UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىيۇلغۇن

يۇلغۇن

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى يۇلغۇن ئېگىزلىكى4 −5 مېتىر كېلىدىغان چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ، شاخلىرى ئىنچىكە، ئۇزۇن ھەم يۇمشاق بولۇپ، كۆپىنچە ساڭگىلاپ سۆگەت (مەجنۇنتال)كە ئوخشاپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە يۇلغۇن بىلەن سۆگەت (تال) لەر بىر تىپتىكىلەردىن ئەمەس. يۇلغۇن يۇلغۇن ئائىلىسىگە كىرىدىغان، چۆل - باياۋانلاردا، دەريا ساھىللىرىدا ياكى شورلۇق يەر قاتارلىق ناچار، يامان مۇھىتلاردا ئۆسىدىغان قەيسەر ئۆسۈملۈك. يۇلغۇننىڭ كونا شاخلىرى قىزىل سۆسۈن ياكى سۇس قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ. ناچار مۇھىتتا ياشايدىغان بولغاچقا، يوپۇرماقلىرى ناھايىتى كىچىكلەپ، تەڭگىچىگە ئوخشاش يوپۇرماققا ئايلىنىپ يۇلغۇن شاخلىرىدا زىچ بولۇپ ئۆسىدۇ، ھەربىر يوپۇرمىقى پەقەت1 ~3 مىللىمېتىرلا كېلىدۇ. يېشىل رەڭلىك يۇمران نوتىلىرىنىڭ ئۇچى قىسمىدا كونۇس شەكىللىك گۈل رېتى ئۆسۈپ چىقىدۇ، گۈلى كىچىك ھەم زىچ، ھال رەڭ بولۇپ، ناھايىتى چىرايلىق. يۇلغۇننىڭ چېچەكلەش مەزگىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، ھەر يىلى ماي ئېيىدىن سېنتەبىرگىچە توختىماي يېڭى گۈل رېتىلىرى ئۆسۈپ چىقىپ تۇرىدۇ، كونا گۈللىرى توزۇپ كەتسە، يېڭى گۈللىرى يەنە ئېچىلىۋېرىدۇ. نەچچە ئاي ئىچىدە، ئۈچ چېچەكلەپ ئۈچ توزۇپ، ئۈزۈلمەي ئۇلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، يەرلىكلەر »ئۈچ باھارلىق سۆگەت« دېيىشىدۇ. يۇلغۇن قۇرغاق چۆللەردە ياشاشقا ئەڭ ماسلىشالايدىغان دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ يىلتىزى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، چوڭقۇر قاتلامدىكى يەر ئاستى سۈيىنى سۈمۈرەلەيدۇ، ئۇزۇنلىرى نەچچە ئون مېتىرغا يېتىدۇ. يۇلغۇن يەنە قۇمغا كۆمۈلۈپ قېلىشتىن قورقمايدۇ، ئاقما قۇملارغا كۆمۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، يۇلغۇن شاخلىرى قەيسەرلىك بىلەن قۇم بارخانىلىرىدىن بېشىنى چىقىرىپ، داۋاملىق ئۆسۈۋېرىدۇ. شۇڭا، يۇلغۇن شامالدىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇشتىكى ئەلا سۈپەتلىك دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يۇلغۇننىڭ يەنە شورغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، تەركىبىدىكى شور - تۇزلار مىقدارى % 5 .0 − % 1 بولغان شور يەرلەردە ئۆسەلەيدۇ. شورلۇق يەرلەرنى ئۆزگەرتىپ ياخشىلاشتىكى ئەلا دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. يۇلغۇننىڭ تارقىلىش دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشايدۇ. ئۇنى كۆپەيتىش ۋە ئۆستۈرۈشمۇ ئاسان بولۇپ، كۆكەرتىشتە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. يۇلغۇننىڭ كونا شاخلىرى يۇمشاق، ئەۋرىشىم، زەمبىل - سېۋەت توقۇشقا بولىدۇ. يۇمران نوتىلىرى بىلەن يوپۇرماقلىرى دورا قىلىنىدۇ. يەم - خەشەك قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى