UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىتوك چىقىرىدىغان سىرلىق دەرەخ

توك چىقىرىدىغان سىرلىق دەرەخ

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ھىندىستاندا ئىنتـايـىـن غـەلـىـتـە بـىـر خـىـل دەرەخ بـار. كـىـشـىـلـەر بىخەستـەلـىـكـتـىـن ئۇنىـڭ شـېـخـىـغـا تـېـگـىـپ كـەتـسـە، دەرھال تـوك سوقۇۋەتكەندەك بىئارام بولىدۇ. ئەسلىدە بۇ دەرەخ توك چىـقـىـرىـش ۋە توك ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، توك ساقلاش مىقدارى ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، چۈشتىكى تـوك مىقـدارى ئەڭ كـۆپ، تۈن نىسبىدىكى توك مىقدارى ئەڭ ئاز بولـىـدۇ. بـەزىلەر بـۇ قۇياشنىڭ يورۇتۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلماقتا. بۇ خىل «تـوكـلـۇق دەرەخ» بـەزى بـوتـانـىـكلار ۋە بـىئولـوگلارنـىـڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئەگەر ئۇنىڭ توك چىقىرىش ۋە توك ساقلـىـشىدىكى سىر ئېچىلسا، بىز بەلكىم ئۇنىڭ توك چىقىرىش قائىـدىـسىگە ئاسـاسـەن يېڭى تىپتىكى گېنېراتور ئىشلەپچىقىرىشىمىز مۇمكىن!
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
توك چىقىرىدىغان سىرلىق دەرەخ | UyghurWiki | UyghurWiki