قالقان يوپۇرماقلىق شەبنەمئوت
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قالقان يوپۇرماقلىق شەبنەمئوت ھاشارات تۇتۇپ يېيەلەيدىغان بىر خىل كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، ئېگىزلىكى تەخمىنەن10 ~30 سانتىمېتىر، روشەن غولى بار، يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئىنچىكە ساپىقى بار. يېرىم ئاي شەكىللىك، كەڭلىكى ئاران4 .2 ~4 مىللىمېتىر كېلىدۇ. يوپۇرمىقىنىڭ گىرۋىكىدە قويۇق ئۆسكەن بەز تۈكلىرى بولىدۇ، سانى تەخمىنەن300 نەچچە تالدىن ئاشىدۇ. بەز تۈكلىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى كۆپۈپ يوغىناپ كىچىك شارچىغا ئايلانغان، رەڭگى بېغىررەڭ بولۇپ، سۈزۈك شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرالايدۇ ھەمدە خۇشبۇي پۇراق تارقىتىپ، ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىدۇ.
ھاشارات خۇش پۇراققا ئالدىنىپ، قالقان يوپۇرماقلىق شەبنەمئوتنىڭ يوپۇرمىقىغا قونغاندا، يوپۇرماق گىرۋىكىدىكى بەز تۈكلىرىنىڭ ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا دېگۈدەك ئىچىگە ئېگىلىپ، ھاشاراتنى چىڭ چىرمىۋېلىپ، مىدىرلىماس قىلىۋېتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا قالقان يوپۇرماقلىق شەبنەمئوتنىڭ يېمەكلىكىگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر يوپۇرماقلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرى چوڭراق ئولجىنى تۇتۇۋالغان بولسا، يېنىدىكى يوپۇرماقلارمۇ كېلىپ ھەمكارلىشىپ، ئولجىنى بىرلىكتە ئۆلتۈرىدۇ. ئەگەر بىر يوپۇرماققا ئىككى ھاشارات قونغان بولسا، يوپۇرماق گىرۋىكىدىكى بەز تۈكچىلىرى ئىش تەقسىم قىلىشىپ ئىككى ھاشاراتنى بىرلا ۋاقىتتا تۇتۇۋالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يوپۇرماقتىكى نۇرغۇن بەز تەنچىلىرى شۇ زامانلا ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، ھاشاراتنى سۆڭەكلىرى بىلەن بىللە ھەزىم قىلىۋېتىدۇ.
قالقان يوپۇرماقلىق شەبنەمئوت تروپىك بەلۋاغ، سۇبتروپىك بەلۋاغ ۋە ئاۋسترالىيىلەرگە تارالغان. مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي جۇڭگو، ئوتتۇرا جۇڭگو ھەم غەربىي جەنۇبتىكى ھەرقايسى ئۆلكە - رايونلىرىدىمۇ ئۆسىدۇ. ئۇ تاغ يانباغىرلىرى، ئوتلاقلار ياكى ئورمان ياقىلىرىدا ماكانلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ. قالقان يوپۇرماقلىق شەبنەمئوتنىڭ شارسىمان غولى ۋە پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ، ئومۇملاشتۇرۇپ «يەردىكى مەرۋايىت» دېيىلىدۇ. ئازراق زەھەرلىك، ئىچسە قىزىتمىنى ياندۇرۇپ زەھەر قايتۇرىدۇ؛ سىرتتىن ئىشلەتكەندە يىقىلىپ - ئۇرۇلۇش ۋە زەخىملىنىشكە شىپا بولىدۇ، قاننى جانلاندۇرۇپ، ئىششىق ياندۇرىدۇ.