UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدۇب دىبىقى

دۇب دىبىقى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى دۇب دىبىقى ھەسەل مەيۈزەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەر نۆۋەت كۈزنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، تاغ - دالىلاردىكى قارىياغاچ، ئاق دۇب (ھەرە چىشسىمان يوپۇرماقلىق دۇب) دەرىخى، دۇب، قىيىن، نەشپۈت قاتارلىق يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخلەردە دائىم توپ - توپ يېشىل يوپۇرماقلارنىڭ شاخلارغا يېپىشىپ ئۆسكەنلىكى ئۇچرايدۇ، يىراقتىن قارىغاندا قۇش چاڭگىلىرىغا ئوخشاپ قالىدۇ. بۇلار پارازىت ئۆسۈملۈك دۇب دىبىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شەرقىي شىماللىقلار ئۇنى «ئىلېكىس دەرىخى» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان كىچىك چاتقال بولۇپ، غولى سىلىندىر شەكىللىك، ئاچىماقلىنىپ شاخلىنىدۇ. دۇپ دىبىقىنىڭ شاخ ئۇچىدا بىر جۈپ سەل گۆشلەشكەن يوپۇرمىقى بولىدۇ. بىر جىنسلىق گۈل ئېچىلىدۇ. ئانىلىق، ئاتىلىق گۈللىرى ئايرىم تۈپتە بولۇپ، گۈللىرى شاخ ئۇچىدىكى ئىككى يوپۇرمىقىنىڭ ئارىلىقىدا ئۆسىدۇ. شارچە شەكىللىك شىرنىلىك مېۋە تۇتىدۇ. مېۋىسى يېرىم سۈزۈك، كۆك پۇرچاق چوڭلۇقىدا بولىدۇ. پىشقاندا سېرىق ياكى سارغۇچ قىزىل رەڭلىك بولىدۇ، ئىچىدە بىر تال ئۇرۇقى بار. قۇشلار ئۇنى تېرىپ يېيىشكە ئامراق، مېۋە گۆشى ناھايىتى يېپىشقاق بولغاچقا، ئۇرۇقى قۇشلارنىڭ تۇمشۇقىغا يېپىشىپ قالسا ئاسانلىقچە چۈشۈپ كەتمەيدۇ. قۇشلار تۇمشۇقىنى دەرەخ قوۋزاقلىرىغا ۋە دەرەخنىڭ يېرىقلىرىغا سۈركەپ ئۇرۇقنى چۈشۈرۈشكە كۈچەيدۇ - دە، تەبىئىي ھالدا ئۇرۇقنى دەرەخقە تېرىپ قويىدۇ. بەزىدە قۇشلار پۈتۈن مېۋىنى يۇتۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە قۇشلارنىڭ مايىقى بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ دەرەخقە يېپىشىپ قالىدۇ - دە، قايتىدىن ئۆسۈپ كۆپىيىدۇ. دۇب دىبىقى بىر تەرەپتىن يىلتىزى ئارقىلىق پارازىت ئىگىسى بولغان دەرەخنىڭ ھاسىل قىلغۇچى قەۋىتى ئىچىگە چوڭقۇرلاپ كىرىپ، پارازىت ئىگىسىدىن سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن يوپۇرمىقىدا يەنىلا خلوروفىل بولغاچقا، فوتوسىنتېز ئېلىپ بارالايدۇ. شۇڭا، ئۇ يېرىم پارازىت ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. دۇب دىبىقىنىڭ غول يوپۇرماقلىرى دورا قىلىنىدۇ. تەبىئىيتى مۆتىدىل، تەمى ئاچچىق، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ بۆرەككە مەنپەئەت قىلىش، مۇسكۇل - سىڭىرلارنى كۈچەيتىپ سۆڭەكنى ساغلاملاشتۇرۇش، رېماتىزملىق ئاغرىشنى يوقىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. دۇب دىبىقى مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىي قىسمىدىن ئوتتۇرا قىسمىغىچە بولغان رايونلىرىغا تارالغان، ياپونىيە، چاۋشيەنلەردىمۇ بار.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى