زىزانىيە مەدىكى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
زىزانىيە مەدىكى پەقەت ئېلىمىزدىلا بولىدىغان ئالاھىدە سۇدا ئۆسىدىغان كۆكتات. دۇنيادا زىزانىيە مەدىكىنى كۆكتات ئورنىدا تېرىپ ئۆستۈرىدىغان دۆلەتلەردىن پەقەت جۇڭگو بىلەن ۋيېتناملا بار.
قەدىمكىلەر زىزانىيە مەدىكىنى «زىزانىيە» دەپ ئاتايتتى. تاڭ دەۋرىدىن ئىلگىرى زىزانىيە ئاشلىق زىرائەتلىرى ئورنىدا ئۆستۈرۈلەتتى. ئۇنىڭ ئۇرۇقى زىزانىيە گۈرۈچى (گۇمى) دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، «ئالتە خىل دانلىق زىرائەت (شال، تېرىق، چۈجگۈن، قوناق، بۇغداي، زىزانىيە گۈرۈچى)» نىڭ بىرى ھېسابلىناتتى. كېيىن، كىشىلەر بەزى زىزانىيىلەرنىڭ قارا توزان زامبۇرۇغى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن باشاق چىقىرالمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆسۈملۈك تۈپىدە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدىغانلىقىنى، غول قىسمى ئۈزلۈكسىز يوغىناپ تەدرىجىي ئۇرچۇق شەكىللىك گۆشلۈك غول شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى بايقىغان بولۇپ، مانا بۇ ھازىر بىز كۆكتات ئورنىدا ئىستېمال قىلىۋاتقان زىزانىيە مەدىكىدۇر. شۇنداق قىلىپ كىشىلەر قارا توزان زەمبۇرۇغى بىلەن زىزانىيىنىڭ چېچەكلەپ مېۋىلىشىنى توسۇپ، بۇ خىل كېسەللەنگەن غەيرىي نورمال ئۆسۈملۈك تۈپىنى كۆپەيتىپ كۆكتات ئورنىدا يېمەكلىك قىلىدىغان بولدى. ھازىرقى كىشىلەر ئەكسىچە ساغلام ۋە باشاق چىقىرىپ دان تۇتىدىغان زىزانىيىلەرنى كۆرسە رودىمېنتلاشقان ياۋايى تۈر، دەپ قارايدىغان بولدى.
زىزانىيە باشاقلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سۇدا ئۆسىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ يىلتىز دائىرىسىدە ئاق رەڭلىك يەر بېغىرلىغۇچى غولى بولۇپ، ئەتىيازدا بىخلىنىپ يېڭى ئۆسۈملۈك تۈپى ھاسىل قىلىدۇ. باش ياز ياكى كۈز پەسلىدە گۈل شېخى ئۆسۈپ چىقىپ ئۇچىدا چوڭ كونۇسسىمان گۈل رېتى ھاسىل قىلىدۇ. ئاتىلىق ۋە ئانىلىق گۈللىرى بىر تۈپتە بولۇپ، ئانىلىق گۈللىرى ئۈستىدە، ئاتىلىق گۈللىرى ئاستىدا ئۆسىدۇ. ئىنچىكە سىلىندىر شەكىللىك قىلتىرىقلىق دان تۇتىدىغان بولۇپ، مانا بۇ «زىزانىيە گۈرۈچى» دىن ئىبارەت.
زىزانىيە مەدىكى ئىللىق ۋە نەم كىلىماتنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلا قۇمساڭ سېغىز تۇپراقتا ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدۇ. قەدىمكى دەۋرلەردە زىزانىيە مەدىكى كۈز پەسلىدە پەقەت بىرلا قېتىم پىشاتتى، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ياز ۋە كۈزدە ئىككى قېتىم پىشىدىغان زىزانىيە مەدىكىنىڭ يېڭى سورتلىرى تاللاپ يېتىشتۈرۈلدى.
زىزانىيە مەدىكى ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىن جەنۇبىي جۇڭگوغىچە بولغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە كۆپلەپ ئۆستۈرۈلىدۇ. تەيخۇ كۆلى ۋادىلىرىدا ئەڭ كۆپ ئۆستۈرۈلىدىغان بولۇپ، داڭلىق سورتلىرى كۆپىنچە ۋۇشى، سۇجۇ ۋە خاڭجۇ ئەتراپلىرىدىن چىقىدۇ. ئۇنىڭ تەمى مەززىلىك بولۇپ، مەلۇم ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە. «دورا ئۆسۈملۈكلىرى قامۇسى» دا خاتىرىلىنىشىچە، زىزانىيە مەدىكى قىزىقنى ياندۇرۇپ ئاشقازان ۋە ئۈچەيلەرنى ياخشىلاش قاتارلىق دورىلىق ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە زەھەر قايتۇرۇپ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش رولىمۇ بار ئىكەن.