UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىتاۋۇز

تاۋۇز

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى مىڭ نەچچە يىللار ئىلگىرى، تاۋۇز ئافرىقا قۇملۇقلىرىدىكى ياۋا ئۆسۈملۈك بولۇپ، پەقەت پىل ۋە كەركىدان قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ يېمەكلىكى ئىدى. كېيىن، ئىنسانلار سۈنئىي كۆندۈرۈپ ئۆستۈرگەندىن كېيىنلا ئۇ كىشىلەرنىڭ ياز كۈنلىرىدىكى تومۇز ئىسسىقتا ئىستېمال قىلىدىغان ياخشى يېمەكلىكىگە ئايلانغان. ئېلىمىزنىڭ10 - ئەسىردىكى بەش سۇلالە دەۋرىگە كەلگەندىلا تاۋۇز ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيادىن «يىپەك يولى» ئارقىلىق ئېلىمىزگە تارقىلىپ كىرگەن. تاۋۇز ئەسلىدە غەربتىن كەلگەن بولغاچقا، خەنزۇلار ئۇنىڭغا «شىگۇا (瓜西)» دەپ نام بەرگەن . سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە تاۋۇز چاڭجياڭنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىغا كەڭ تارقالغان ھەم ئۆزلەشتۈرۈلگەن. تاۋۇز كاۋا ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى توق يېشىل رەڭدە بولۇپ، چوڭقۇر يېرىقچىلىرى بولىدۇ. گۈلى بىر جىنسلىق بولۇپ، رەڭگى سېرىق كېلىدۇ. تاۋۇزنىڭ مېۋە ئېتى كۆپ شىرنىلىك ھەم تاتلىق بولۇپ، توق قىزىل، ھال رەڭ، سېرىق ياكى ئاق رەڭلەردە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، تەركىبىدە ئاقسىل، فوسفات كىسلاتا، مالىك كىسلاتا (ئالما كىسلاتاسى)، فرۇكتوزا، ساخاروزا، گلۇكوزا، ئامىنو كىسلاتالىرى ۋە كاروتىن قاتارلىق كۆپ خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار بولىدۇ. تاۋۇز ئۇرۇقىدىكى ئاقسىل مىقدارى بولسا گۈرۈچ ۋە بۇغدايلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. تاۋۇزنىڭ ھەممىلا يېرى گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ شاپىقى، ئېتى، شىرنىسى ۋە ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ سالقىنلىتىش، قىزىق قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق روللىرى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ھەقتە «تومۇزدا تاۋۇز يېيىشنى قىلسىڭىز ئادەت، دەل ئۆزى شىپالىق دورىغا نەھاجەت» دەيدىغان تەمسىل بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر تاۋۇزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ يېڭى سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. مەسىلەن، خېيلۇڭجياڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى1 مېتىر ئېگىزلىكتىن يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ چېقىلمايدىغان، توشۇشقا قۇلايلىق بىر خىل يېڭى تاۋۇزنى يېتىشتۈرۈپ چىققان؛ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گاۋخې ناھىيىسى دۆۋىلەش ۋە توشۇشقا قۇلايلىق بولغان بىر خىل چاسا شەكىللىك يېڭى تاۋۇز سورتىنى تېرىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان؛ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى سورت بايلىقى تەتقىقات ئورنى كېچىكىپ پىشىدىغان بىر خىل يېڭى تاۋۇز سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كۈزنىڭ ئاخىرلىرى ۋە قىشنىڭ باشلىرىدىمۇ بازالارنى تاۋۇز بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ. ياپونىيىنىڭ باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسلىرى بىر خىل كۋادرات شەكىللىك ئۇرۇقسىز تاۋۇز يېتىشتۈرۈپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلۇقى15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. كۆرۈنۈشى چىرايلىق، سۈپىتى ياخشى بولۇپ، خەلقئارا بازارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى