UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىپاراشورېيە دەرىخى

پاراشورېيە دەرىخى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى 1974 - يىلى مارت ئېيىدا يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ شىشۇاڭبەننادىكى تروپىك بەلۋاغ قويۇق ئورمانلىقىدا ئادەتتىن تاشقىرى ئېگىز بىر خىل دەرەخ بايقالغان، ئۇ ئەتراپىدىكى دەرەخلەردىن20 نەچچە مېتىر ئېگىز بولۇپ، دەرەخ تۈۋىدىن قارىغاندا دەرەخ باراقسىنى ئاسماننى تېشىپ ئۆتكەندەك كۆرۈنۈش پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي غولى يۇپيۇمىلاق ھەم تۈپتۈز ئۆسكەن بولۇپ، نەچچە10 مېتىر ئېگىزلىككىچە بولغان يېرىدە كىچىككىنە بىرەر تال شاخچىمۇ يوق، ئۇنىڭ گۈل - يوپۇرماق، مېۋىلىرىنى ئېلىپ ئەۋرىشكە قىلىش ئىمكانىيىتى يوق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە شۇنچىلىك سەزگۈر ئالتىمېتىر (ئېگىزلىك ئۆلچىگۈچ)لارمۇ پۈتۈنلەي ئۈنۈمىنى يوقاتقان. ھەرقانداق قىلىپمۇ چارە تاپالمىغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئىلاجسىز چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ بىر تۈپ دەرەخنى كېسىپ يىقىتقاندىن كېيىنلا ئۆلچەپ ئانالىز قىلىشنى ئېلىپ بارالىغان. نەتىجىدە بۇنىڭ يېڭى بىر خىل ئالاھىدە دەرەخ تۈرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. ئۇ، ئېگىزلىكىدىن بۇلۇتلارغا تاقىشىپ، دەرەخ ئۈستىنى كۆرگىلى بولمىغاچقا خەنزۇچە «كۆككە باقار دەرەخ» دەپ ئاتالغان. پاراشورېيە دەرىخى ئەنبەر دەرىخى ئائىلىسى، لاۋۇن دەرىخى ئۇرۇقدىشىغا كىرىدۇ. دەرەخ ئېگىزلىكى ئومۇمەن60 مېتىر ئەتراپىدا، ئاساسىي غولىنىڭ دىئامېتىرى130 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ، ئەڭ ئېگىزلىرىنىڭ ئېگىزلىكى80 مېتىرغا، دىئامېتىرى3 مېتىرغا يېتىدۇ. گەرچە ئۇنى ئاۋسترالىيىدىكى گىگانت ئېۋكالىپت دەرىخى بىلەن شىمالىي ئامېرىكىدىكى چوڭ شەمشادقا سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن تروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمانلىقلىرىدىكى ئەڭ ئېگىز دەرەخ ھېسابلىنىدۇ. پاراشورېيە دەرىخى پەقەت مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەندىلا ئۆسىدۇ. ئۇ مەملىكىتىمىزدە ئالاھىدە چىقىدىغان، كەم ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق دەرەخ تۈرى بولۇپ، دۆلەت تەرىپىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. پاراشورېيە دەرىخىنىڭ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. پەيسىمان يوپۇرماق تومۇرلىرى بولىدۇ؛ سېرىق رەڭلىك گۈللىرى كونۇسسىمان گۈل رېتى بولۇپ تىزىلغان. كىشىنى مەپتۇن قىلغۇدەك خۇش پۇراق چېچىپ تۇرىدۇ. مېۋىسى قاتتىق، ساقلىنىپ قالغان بەش تال قاناتسىمان گۈل كاسىسى بولىدۇ، گۈلىدە خۇشبۇي پۇراق ماي بار. پاراشورېيە دەرىخىنىڭ ياغىچى سۈپەتلىك، ئۆسۈشى تېز، لېكىن ئىنتايىن كەم ئۇچرايدۇ.20 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىدا گۇاڭشىدىن پاراشورېيە دەرىخىنىڭ بىر ئۆزگەرگەن تۈرى تېپىلغان ھەم خەنزۇچە «ئاسمان تېرەر دەرەخ» دەپ ئاتالغان. بۇ دەرەخ پەقەت گۇاڭشى ئۆلكىسىدىكى لۇڭ گاڭ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىلا ئۆسىدۇ، ئۇمۇ ئىنتايىن ئەتىۋارلىق بولغان كەم ئۇچرايدىغان دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى