UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىپەمىدۇر

پەمىدۇر

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ئوزۇقلۇقى مول، تەمى مەززىلىك پەمىدۇرنى كىشىلەر «كۆكتاتلار ئىچىدىكى مېۋە، مېۋىلەرنىڭ ئېسىلى، يېشىل دۇنيادىكى قىزىل ياقۇت» دەپ تەرىپلىشىدۇ. پەمىدۇر ئادەتتە شوخلا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى پېرۇنىڭ قويۇق ئورمانلىقىدىكى خىلۋەت جىلغىلاردۇر. ئۇنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرىدا بىر خىل يېقىمسىز پۇراق بولغاچقا، خېلى مەزگىللەرگىچە كىشىلەر خاتا ھالدا ئۇنى زەھەرلىك ئۆسۈملۈك دەپ قاراپ مېۋىسىنى يېيىشكە ھېچكىم پېتىنالمىغان. ئىندىئانلار ئۇنى دەسلەپتە «بۆرە شاپتۇلى» دەپ ئاتىغان ھەمدە ئۇنى پەقەت بۆرىلا يېيىشكە پېتىنالايدۇ دەپ قارىغان.16 - ئەسىردە ئەنگلىيىلىك كىنەز ئېلدالارى جەنۇبىي ئامېرىكىنى سەيلە قىلغاندا، بىر تۈپ پەمىدۇرنى ئالغاچ كېلىپ ئايال پادىشاھ ئىلزابىتقا تاماشا قىلىش ئۈچۈن سوۋغا قىلغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پەمىدۇر ياۋروپاغا تارقالغان. ئۇنىڭ مېۋىسى ھەم ئالمىغا، ھەم ئەبنۇس (ھالۋابىدىت)قا ئوخشايدىغان بولغاچقا، «ئالتۇن رەڭ ئالما» ۋە «غەرب ئەبنۇسى» دەپمۇ ئاتالغان.18 - ئەسىرگە كەلگەندىلا ئۇنى غەربلىكلەر قارىمۇچ، سامساق ۋە كالا مېيى قاتارلىقلار بىلەن قوشۇپ كۆكتات ئورنىدا يېيىشكە باشلىغان. پەمىدۇر پىدىگەن ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ياپونىيىدە پەمىدۇر دەرىخى يېتىشتۈرۈلگەن. غول ئۇزۇنلۇقى16 مېتىر كېلىدىغان بۇ بىر تۈپ پەمىدۇر دەرىخى3000 دىن ئارتۇق پەمىدۇر مېۋىلەيدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۇنى10 مىڭدىن ئارتۇق مېۋىلەتكىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پەمىدۇر دەرىخى پارنىكتا تۇپراقسىز ئۆستۈرۈلگەن بولغاچقا، ياپونلۇقلار ئۇنىڭغا ئالۋاستى پەمىدۇر دەپ نام بەرگەن. ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا بىر خىل چاسا شەكىللىك پەمىدۇر يېتىشتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ مېۋىسى يۇمىلاق پەمىدۇرغا قارىغاندا تېخىمۇ مەزمۇت بولۇپ، ماشىنا ئارقىلىق يىغىۋېلىشقا ۋە توشۇشقا ماس كېلىدىكەن. پەمىدۇرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپ، ھەم كۆكتات ئورنىدا ئىشلىتىشكە، ھەم مېۋە ئورنىدا يېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى تاۋۇزنىڭكىدىن10 ھەسسە كۆپ بولۇپ، قان بۇزۇلۇش كېسىلى، زۇكام، زىيادە سەزگۈرلۈكتىن داغ چۈشۈش قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ۋە ئادەم تېنىنىڭ كېسەللىككە قارشى كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رولى بار.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى