قىچا
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قىچا، سويا پۇرچاق، خاسىڭ، كۈنجۈت قاتارلىقلار ئېلىمىزدىكى تۆت چوڭ مايلىق زىرائەت ھېسابلىنىدۇ. قىچا يەنە ئاساسلىق ھەسەل مەنبەسى زىرائەتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. قىچا چېچەكلىگەن مەزگىلدە ھەسەل ھەرىسى بېقىپ قىچا مەھسۇلاتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، يەنە ھەسەل مەھسۇلاتىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە بولىدۇ.
قىچا كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ. يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈل رېتى ئومۇم گۈل رېتى بولۇپ، گۈلى ئوچۇق سېرىق رەڭدە بولىدۇ. چېچەكلەش مەزگىلى ئۇزۇن ھەم ھەسەل بېزى تەرەققىي قىلغان. ئۇزۇن مۈڭگۈزسىمان مېۋىسى بولۇپ، ئۇرۇقى شار شەكلىدە بولىدۇ. ماي مىقدارى %40 ئەتراپىدا بولىدۇ.
قىچا مېيى ئېلىمىز خەلقىنىڭ ئاساسلىق ماي يېمەكلىكى بولۇپ، ئىستېمال مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ماي يېمەكلىكلىرى ئىچىدە3 /1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ تەركىبىدە ئادەم تېنىگە زۆرۈر بولغان ئۈچ خىل ماي كىسلاتاسى، يەنى لىنولېئىك كىسلاتا (12~ %24 ) ، لىنولېنىك كىسلاتا (1 ~ %10 ) ۋە ئاراخىدىك كىسلاتا (0.4~ % 1 ) بولغاندىن سىرت، يەنە14 ~% 29 ئەتراپىدا ئولېئىك كىسلاتا (ماي كىسلاتاسى) بولۇپ، خولېستېرىننىڭ ئىنچىكە ئۈچەيدىكى سۈمۈرۈلۈشىنى تىزگىنلەيدۇ، شۇنداقلا جىگەردىكى خولېستېرىننىڭ پارچىلىنىشى ۋە چىقىرىپ تاشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چۈنكى، تەركىبىدە تويۇنمىغان ماي كىسلاتالىرى بولغان ئۆسۈملۈك مايلىرى، مەسىلەن، قىچا مېيى، پۇرچاق مېيى، خاسىڭ مېيى، كۆممىقوناق مېيى قاتارلىقلار يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولغاچقا، قىچا كىشىلەر تەرىپىدىن «ساغلاملىق مېيى ئۆسۈملۈكى» دەپ ئاتالغان.
قىچا دۇنيا بويىچە ھىندىستاندا ئەڭ كۆپ تېرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن قالسىلا ئېلىمىز ئىككىنچى ئورۇندا، كانادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
قىچا ئاساسەن ئېلىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەريا ۋادىسىدىكى رايونلارغا كۆپرەك تارقالغان بولۇپ، ئىككى يىللىق زىرائەت ھېسابلىنىدۇ. ئۇ جايلاردا كۆپىنچە كۈز پەسلىدە تېرىلىپ مايسىسى يېتىشتۈرۈلىدۇ، ئىككىنچى يىلى5 - ئاي ئەتراپلىرىدا ھوسۇلى يىغىۋېلىنىدۇ. ئەتىيازدا تېرىپ كۈزدە ھوسۇلى يىغىۋېلىنىدىغان بىر يىللىق قىچا بولسا كۆپىنچە شىنجاڭ، گەنسۇ، چىڭخەي ۋە ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.
قىچىنىڭ كۈنجۈرىسى، قىچا غولى ۋە مېۋە شاكىلى قاتارلىقلار ناھايىتى ياخشى ئورگانىك ئوغۇت ھېسابلىنىدۇ. قىچا كۈنجۈرىسى تەركىبىدە گەرچە ئاقسىل ۋە ماي مىقدارى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا زەھەرلىك بولغان سىناپىن بولغاچقا، ℃70تا بىر سائەت دۈملەپ ھوردىغاندىن كېيىن ئاندىن يەم - خەشەك ئورنىدا ئىشلىتىش كېرەك.