يەسىمەن گۈلى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
يەسىمەن گۈلى مەرۋايىتتەك ئاق بولۇپ، خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. سۇڭ سۇلالىسىدىكى شائىر جياڭ كۈي «كەلگۈسىدە يازار بولسام ئۇز چېچەكنىڭ قىسسىسىنى، تەسۋىرلەيمەن ئىقلىمدىكى ئەڭ خۇش پۇراق يەسىمەننى» دەپ يازغان.
ئاسىيا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىككى دۆلەت − فىلىپپىن بىلەن ھىندونېزىيىلەر يەسىمەننى دۆلەت گۈلى قىلىپ بېكىتكەن. فىلىپپىن خەلقى ئۇنى پاكلىق، قىزغىنلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ، ئۇنى دوستلۇق گۈلى، سۆيگۈ گۈلى دېيىشىدۇ. ھىندونېزىيە خەلقى يەسىمەننى ئۆيىدىكى ئەزىز نەرسىسىدەك ياخشى كۆرىدۇ، ھەممە ئائىلىلەردە يەسىمەن گۈلى بېقىلىدۇ. بەزى ئاياللار يەسىمەننى كىچىك گۈل سېۋىتىگە سېلىپ پاشىلىق ئىچىگە ئېسىپ قويۇپ، ئۇخلاپ چۈش كۆرۈۋاتقاندىمۇ ئۆتكۈر خۇش پۇراقلارغا تولۇپ تۇرۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ.
يەسىمەن دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان بىر خىل كىچىك چاتقال، ئۇ ئوسمانتۇس گۈلىگە ئوخشاش ئەرمۇدۇن ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچ تال گۈلى بىر ئومۇمىي گۈل سېپىدە ئۆسىدۇ، بۇ يەسىمەن گۈلىنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.
يەسىمەن بىلەن بىر ئۇرۇقداشتىكى گۈللەر تەخمىنەن200 تۈردىن ئاشىدۇ. ھەممىسى سۇبتروپىك بەلۋاغدا ئۆسىدۇ. لېكىن، مەملىكىتىمىزنىڭ جەنۇب - شىمالىدىكى ھويلا - ئاراملاردا ئوچۇق يەردە ئۆستۈرۈلىدىغان نورۇز يەسىمەن گۈلى بىلەن باش ياز يەسىمەن گۈلى يەسىمەن ئۇرۇقدىشىنىڭ مەملىكىتىمىزدە بىرقەدەر شىمالغا تارقالغان ئىككى تۈرىدۇر. ئۇلار سوغۇققا بىرقەدەر چىداملىق بولۇپ، ئاساسەن مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىنىدۇ.
يەسىمەن گۈلى بىرقەدەر يۇقىرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە. ئۇ يەسىمەن گۈلى چېيىنى ئىسلاپ تەييارلاشنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى. يەسىمەن گۈلىنىڭ يالاڭ قات بەرگلىك ۋە قات بەرگلىك ئىككى خىل سورتى بار. يالاڭ قات بەرگلىك گۈلىنىڭ خۇش پۇرىقى ئۆتكۈر ھەم قويۇق، قات بەرگلىكنىڭ سەل سۇسراق بولىدۇ، لېكىن قات بەرگلىكنىڭ ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۆستۈرۈش ۋە پەرۋىش قىلىش بىرقەدەر ئاسان.