مايلىق چاي دەرىخى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
مايلىق چاي دەرىخى پەقەت جۇڭگودىلا بولىدىغان ئالاھىدە ئىقتىسادىي دەرەخ تۈرى، شۇنداقلا جەنۇبىي جۇڭگونىڭ پەس تاغلىق رايونلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم يېمەكلىك ماي ئۆسۈملۈكى بولغان دەرەخ تۈرى بولۇپ،2000 يىلدىن ئارتۇق تىكىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە.
مايلىق چاي دەرىخى چاي ئائىلىسىدىكى دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان بىر خىل چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، قوۋزىقى سۇس سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە، غولى سىلىق ھەم يېرىلمايدۇ. يوپۇرمىقى تېرىلەشكەن ھەم تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، تېيىز يېرىقچىلىرى بولىدۇ. كۈز پەسلىدە چوڭ تىپتىكى ئاق گۈللىرى ئېچىلىدىغان بولغاچقا، «ئاق گۈللۈك چاي دەرىخى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاتىلىقلىرىنىڭ سانى كۆپ بولۇپ، گۈل يىپچىلىرىدا تۈكچىلىرى بولمايدۇ؛ ئانىلىقنىڭ ئانىلىق تۇمشۇقى ئۈچكە يېرىلىدۇ. مېۋىسى شار شەكىللىك غوزەك مېۋە، مېۋە شۆپۈكى قېلىن بولۇپ، ئۇرۇقىدا بىردىن ئۈچكىچە قىرلىق مۈڭگۈزى بولىدۇ ھەم كېيىنكى يىلى كۈزدە پىشىدۇ.
مايلىق چاي دەرىخىنىڭ ئۇرۇقىدىن ماي ئېلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ مېغىزىدىكى ماي مىقدارى %2 .59 كە يېتىدىغان بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ماي مىقدارى ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مايلىق چاي دەرىخىنىڭ مېيى ئۆسۈملۈك مايلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئەتىۋارلىقى بولۇپ، تەركىبىدىكى ئولېئىك كىسلاتاسى (ماي كىسلاتاسى) %3 .83 كە، لىنولېئىك كىسلاتا %4 .7 كە يېتىدۇ. ئۇ ئادەم تېنىدە ئاسان ھەزىم بولىدىغان بولغاچقا، ئوزۇقلۇقشۇناسلار ئۇنى ئالاھىدە تەشەببۇس قىلماقتا. مايلىق چاي دەرىخىنىڭ مېيى ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىنسىمۇ كۆڭۈلگە تەگمەيدۇ، سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى.
مايلىق چاي دەرىخىنىڭ ئۆسۈشى تېز، ئۆمرى ئۇزۇن، ماي سۈپىتى ياخشى ھەم مەھسۇلاتى يۇقىرى، ئىنسانلارغا بولغان پايدىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە كۆپ تارقالغان. جېجياڭ ئۆلكىسى چاڭشەن ناھىيىسى شىكۇ يېزىسى چياۋتىڭ كەنتىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى بىر تۈپ «مايلىق چاي دەرىخى شاھى» بولۇپ، ئېگىزلىكى5 .5 مېتىر، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى64 كۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. ئۇنىڭ يىللىق ئۇرۇق مەھسۇلاتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا250 كىلوگرام ئەتراپىدا بولۇپ، ئاز دېگەندە17 كىلوگرامغا يېقىن ماي چىقىدىكەن، بۇ ئادەتتە3 −4 مو يەردىكى مايلىق چاي دەرىخىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلاتىغا توغرا كېلىدىكەن.
مايلىق چاي دەرىخى ماسلىشىشچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك، مۇنبەتسىزلىككە چىداملىق، قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرالايدىغان بولۇپ، قىزىل تۇپراقلىق يەرلەرنى ياخشىلاشتىكى ئاۋانگارت دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يوپۇرمىقى قېلىن ھەم تېرىلەشكەن، قوۋزىقى سىلىق ھەم پارقىراق بولۇپ، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش رولىنى ئوينايدىغان بولغاچقا، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ئورمان بەلۋېغى بەرپا قىلىشتىكى ئېسىل دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ.