UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىكۈزلۈك يېسسىۋىلەك

كۈزلۈك يېسسىۋىلەك

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى كۈزلۈك يېسسىۋىلەكنىڭ تۈپى چوڭ ھەم چىڭ، يوپۇرماقلىرى ئاق ھەم يۇمران، تەمى تاتلىق ھەم چۈرۈك بولۇپ، جۇڭگودىكى تۆت خىل كۆكتات بامبۇك نوتىسى، تۈگۈنەك قىچا (جاسەي) ۋە سويا پۇرچاقلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان دۇنيا بويىچە بىرىنچى كۆكتاتتۇر. ئۇ ئېلىمىزنىڭ شىمالىغا كۆپ تارقالغان بولۇپ، ئەڭ چوڭ باش ئالىدىغان ئاساسلىق قىشلىق كۆكتات ھېسابلىنىدۇ. كۈزلۈك يېسسىۋىلەك كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى، قىچا ئۇرۇقدىشىغا كىرىدىغان بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ يىلتىز سىستېمىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، چوڭىيىپ گۆشلەشكەن ئوق يىلتىزغا ئايلانغان. يوپۇرماقلىرى سىرتقى يوپۇرماق ۋە كاللەكلەشكۈچى يوپۇرماق دەپ بۆلۈنىدۇ. سىرتقى يوپۇرمىقى يېشىل رەڭدە بولۇپ، يەرگە يېيىلىپ ئۆسىدۇ؛ ئىچكى قىسمىدىكى كاللەكلەشكۈچى يوپۇرمىقى ئاق سېرىق ياكى ئاق رەڭدە بولۇپ، ئوزۇقلۇقلارنى زاپاس ساقلايدىغان ئامبار ھېسابلىنىدۇ. كۈزلۈك يېسسىۋىلەكنىڭ كاللەكلىشىشى سىرتقى مۇھىتتىكى قاتتىق سوغۇققا بولغان بىر خىل ماسلىشىش ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. باش ئېلىش مەركىزىدىكى دەسلەپكى يوپۇرماقلىرىدىن باشلاپ ئاساسىي بىخىنى ئوتتۇرىغا ئورىۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. كۈزلۈك يېسسىۋىلەكنىڭ سورتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كاللەكلىشىدىغانلىرى، يېرىم كاللەكلىشىدىغانلىرى، ئوتتۇرىسى چېچەكلەيدىغانلىرى ۋە تارقاق يوپۇرماقلىقلىرىدىن ئىبارەت تۆت خىل سورتى بار. كاللەكلىشىدىغانلىرى يەنە تۈز كانايسىمان، ئېگىز قوزۇقسىمان ۋە پاكار قوزۇقسىمان دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ. داڭلىق سورتلىرىدىن تۈز كانايسىمان يۇمىلاق شەكىللىك تيەنجىن يېسسىۋىلىكى، ئېگىز قوزۇقسىمان كاناي شەكىللىك بېيجىڭ يېسسىۋىلىكى ۋە پاكار قوزۇقسىمان كاناي شەكىللىك شەندۇڭ يېسسىۋىلىكى قاتارلىقلار بار. ياخشى سورتلۇق كۈزلۈك يېسسىۋىلەك ئادەتتە10 كىلوگرام ئەتراپىدا يوغىنايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كۈزلۈك يېسسىۋىلەك | UyghurWiki | UyghurWiki