UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىقوڭغۇراقسىمان گۈمبىدەك

قوڭغۇراقسىمان گۈمبىدەك

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى قوڭغۇراقسىمان گۈمبىدەك ئېگىز ساپاقلىق بىر خىل زەمبۇرۇغ خىلىدىكى ئۆسۈملۈك. ئۇنىڭ ئاپئاق تېنى خۇددى بىر قەۋەت ئاق رەڭلىك سۈزۈك تورغا قاپلىنىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ، شۇڭا بوتانىكلار ئۇنىڭغا چۈمبەللىك چوكان دەپ چىرايلىق نام بەرگەن. ئۇ، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە ئۆسۈۋاتقانلىقىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان بىردىنبىر ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. «چۈمبەللىك چوكان» جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى برازىلىيىنىڭ ئورمانلىقلىرىدا ئۆسىدۇ. ئەڭ باشتا ئۇ ئاپئاق بىر قۇش تۇخۇمىغا ئوخشاش بولۇپ، تېنى بىرقەۋەت تېرىسىمان سىرتقى قېپىغا ئورىلىپ تۇرىدۇ، ئېلاستىكلىققا ئىگە. ئۇ ئۆسكەن چاغدا تېنى تېز يوغىنايدۇ، بىردەمدىلا «تۇخۇم» دا ئىنچىكە يېرىقچە سىزىق پەيدا بولۇپ، بارغانسېرى كېڭىيىپ «تۇخۇم شاكىلى» نى ئىككىگە بۆلۈۋېتىدۇ، ئىچىدىن سارغۇچ يالتىراق كۈنلۈكسىمان قۇرۇلما كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ، ئۇنى بىر تال ئاق ئۇزۇن ساپاق كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. كۈنلۈك ساپىقىنىڭ ئۆسۈشى تېز بولۇپ، ھەر مىنۇتتا تەخمىنەن5 مىللىمېتىر ئېگىزلەيدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ گۈمبىدەككە ئوخشاش زەمبۇرۇغ ئىكەنلىكىنى كۆز بىلەن كۆرۈشكە بولىدۇ، ئىككى سائەت ئىچىدە ئۆسۈپ تەخمىنەن50 سانتىمېتىر ئېگىزلەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، سېرىق رەڭلىك زەمبۇرۇغ قالپىقى تېگىدىن ئۇشتۇمتۇتلا بىر قەۋەت ئاق رەڭلىك سۈزۈك قاپلىما تور شىلدىر - شىلدىر قىلىپ سىلكىنىپ چۈشىدۇ. ئۇ يەرگە تېگىپ دېگۈدەك چۈشۈپ، خۇددى بىر كەڭ قوڭغۇراق ياپقۇچى شەكلىدىكى يوپكىغا ئوخشاش گۈمبىدەكنىڭ تۆۋەنكى قىسمىنى يېپىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېنىدىن كۈچلۈك سېسىق پۇراق تارقىلىپ تۇرىدۇ. چىۋىنلەر سېسىق پۇراقنى قوغلىشىپ يېتىپ كېلىدۇ، ئۇلارغا قوشۇلۇپ تۈن پەرۋانىلىرى قاتارلىق ئۇششاق ئۇچار ھاشاراتلار ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىدۇ. «چۈمبەللىك چوكان» نىڭ ھاياتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، ناھايىتى تېزلا يېرىلىپ كېتىپ، بىر پارچە شىلىمشىق سۇيۇقلۇقتىن باشقا ھېچنېمە قالمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قوڭغۇراقسىمان گۈمبىدەك | UyghurWiki | UyghurWiki