UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدەرەخسىمان قاپاق

دەرەخسىمان قاپاق

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ئادەتتە كاۋا تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسى سامان غوللۇق پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر بولۇپ، بۇرۇتچىلىرىغا تايىنىپ باشقىلارغا يامىشىپ ئۆسىدۇ. ئافرىقىنىڭ سوكوترا ئارىلىدىكى كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر خىل ئۆسۈملۈك − دەرەخسىمان قاپاق بولسا چوڭ دەرەخ بولۇپ ئۆسىدۇ. دەرەخسىمان قاپاقنىڭ تېنى ناھايىتى يوغان، خۇددى بىر يۇمىلاق يوغان دۆشىگە ئوخشايدۇ، ئۈستۈنكى - ئاستىنقى قىسىملىرىنىڭ توملۇقى ئاساسەن ئوخشاش، ئۇچىدا پەقەت ناھايىتى قىسقا ھەم ئانچە توم بولمىغان ئىككى شېخى بولىدۇ. يوپۇرماقلىرى كۆپ ئەمەس. شۇڭا، دەرەخ غولى بىلەن شاخ - يوپۇرماقلىرى بىر - بىرىگە زادىلا ماس كەلمىگەن. بۇ خىل غەلىتە دەرەخ بۇرۇن بوتانىكلارنىڭ ناھايىتى زور قىزىقىشىنى قوزغىغان بولۇپ، تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشلار ئارقىلىقلا، ئۇنىڭ كاۋا - قوغۇنلار چوڭ جەمەتىنىڭ بىر ئەزاسى، يەنى كاۋا ئائىلىسىگە كىرىدىغان ئۆسۈملۈك ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن. دەرەخسىمان قاپاق ئۆسىدىغان ئارالنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى300 ~500 مېتىر بولۇپ، كىلىماتى ئىنتايىن قۇرغاق ھەم پىژغىرىم ئىسسىق، بۇنداق تەبىئىي شارائىت، بۇ ئارالغا زور تۈركۈمدىكى ئاجايىپ - غارايىپ ئۆسۈملۈكلەرنى يارىتىپ بەرگەن. بوتانىكلارنىڭ ستاتىستىكىلىشىغا قارىغاندا، تەخمىنەن200 دىن ئارتۇق تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەر شۇ ئورۇندىلا بولىدىغان ئالاھىدە ئۆسۈملۈكلەر بولۇپ، دەرەخسىمان قاپاق شۇلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. دەرەخسىمان قاپاقنىڭ غايەت زور تېنىدە ناھايىتى كۆپ سۇ ساقلىنىدۇ. كىچىكلىگەن شاخ - يوپۇرماقلىرى بولسا سۇنى تېجەپ بېرەلەيدۇ، شۇ ئارقىلىق قۇرغاق ھەم ئىسسىق كىلىماتقا ماسلاشقان. مانا بۇ، دارۋېننىڭ تەبىئىي تاللىنىش تەلىماتىدا توغرا يېشىپ بېرىلگەن تەبىئەت ھادىسىلىرى − جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنىڭ ئەمەلىي مىسالىدۇر.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
دەرەخسىمان قاپاق | UyghurWiki | UyghurWiki