UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىسىرلىق قىچىشقاق دەرەخ

سىرلىق قىچىشقاق دەرەخ

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ئېلىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى شىشۇاڭبەننا ئورمانلىقىدا ئىنتايىـن تـۈز ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى3 مېتىردىن6 مېتىرغىچە كېلىـدۇ، ئەڭ يوغانلىرىنىڭ دىئامېتىرىمۇ چىنە ئاغزىچـىـلـىـكلا بولىدۇ، دەرەخ قوۋزىقى قوڭۇر رەڭدە پارقىراق، گۈلى سۇس قىزغۇچ بىنەپشە ياكى ئاق رەڭدە، گۈل تـاج ياپراقچىسىنىڭ چۆرىسى پۈرمە شەكلىـدە، مېۋىسى يـوشـۇرۇن بولىدۇ. بۇ دەرەخنىڭ غەلىتە يېرى شۇكى، كىشـىـلەر ئۇنـىـڭ «تېرە» سىنى يېنىك سىلىسا دەرەخنـىـڭ ئۇچىدىكى شاخلار قـىـچىشـىـشـقا چىدىمىغاندەك ئۇيان - بۇيان مىدىرلايدۇ، ھەتتا ئىرغـاڭلايـدۇ. شـۇڭا، كىشىلەر ئۇنى «قىچىشقاق دەرەخ» دەپ ئاتايدۇ. قىچىشقاق دەرەخ نېمە ئۈچۈن «قىچىشىش» تىن قورقىدۇ؟ سىلىسا نېمە ئۈچۈن دەرەخ شېخى مىدىرلايدۇ؟ بۇ خىـل ئىـنـكـاس قـانـداق يەتكۈزۈلىدۇ؟ بۇ سوئاللار نۇرغۇن بوتانىكلارنىڭ قىزىقىـشـىـنـى قوزغىدى، كىشىلەر ئۇنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى