ئېۋكوممىيە دەرىخى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئېۋكوممىيە (دۇجۇڭ) دەرىخى جۇڭگونىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ، ئېۋكوممىيە دەرىخى ئائىلىسى، ئېۋكوممىيە دەرىخى ئۇرۇقدىشىغا كىرىدۇ. پۈتۈن يەر شارىدا مۇشۇ بىرلا تۈرى بولۇپ، مىلادىيە369 - يىللىرى ياۋروپا، ياپونىيە ۋە روسىيىلەرگە ئارقا - ئارقىدىن تارقالغان.
ئېۋكوممىيە دەرىخى تېز ئۆسىدىغان، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى20 مىتېرغا يېتىدۇ. دەرەخ قىياپىتى رەتلىك، شاخ - يوپۇرماقلىرى قويۇق بولۇپ، ئەتىيازدا چېچەكلەيدۇ. گۈل يېپىنچىسى يوق، ئانىلىق ۋە ئاتىلىق گۈللىرى ئايرىم تۈپتە بولۇپ، كۈنگەي ۋە ئىللىق كىلىمات ھەم مۇنبەت تۇپراقتا ئۆسۈشكە ماسلاشقان.
ئېۋكوممىيە دەرەىخى2000 نەچچە يىللار ئىلگىرىلا «شېن نۇڭ دورا ئۆسۈملۈكلىرى دەستۇرى» دا ئېسىل دورا ئۆسۈملۈكى قاتارىغا قويۇلغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنياغا داڭلىق ئەتىۋارلىق جۇڭيى دورىسى بولۇپ قالدى. جۇڭيى تېبابىتىدە ئېۋكوممىيە دەرىخىنىڭ قوۋزىقى دورا قىلىنىدىغان بولۇپ، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ھامىلىنى تۇراقلاشتۇرۇش، پەي - سۆڭەكلەرنى چىڭىتىش رولىغا ئىگە. ھازىرقى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئېۋكوممىيە دەرىخىنىڭ قوۋزىقى تەركىبىدە ئېۋكوممىيە يېلىمى، سمۇلا (دېۋىرىقاي)، گلۇكوزىد ۋە ئورگانىك كىسلاتا قاتارلىق ماددىلار بولىدىكەن. ئېۋكوممىيە دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن تەييارلانغان قايناتما دورىلارنى ھايۋانلارغا سىناق قىلغاندا ئۇزاققىچە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينىغان.
ئېۋكوممىيە دەرىخىنىڭ مېۋىسى، شېخى، يوپۇرمىقى ۋە قوۋزىقىدا ئاق رەڭلىك ئېلاستىك يىپچىلار بولۇپ، ئېۋكوممىيە يېلىمى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ مېۋىسى تەركىبىدىكى ئېۋكوممىيە يېلىمىنىڭ مىقدارى %3 .27 ئەتراپىدا بولۇپ، شاخ، يوپۇرماق ۋە دەرەخ قوۋزىقى تەركىبىدىكى مىقدارى2 −% 3 ئەتراپىدا بولىدۇ. ئېۋكوممىيە يېلىمى ئېسىل دورا بولۇپلا قالماي، يەنە ئەلا سۈپەتلىك كاۋچوك ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.