قىسقا ئۆمۈرلۈك جۇخارگۈل
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قىسقا ئۆمۈرلۈك جۇخارگۈل دۇنيادىكى ھاياتلىق دەۋرىيلىكى ئەڭ قىسقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆمرى بىر ئايغىمۇ يەتمەيدۇ. بۇنداق ياشاش خۇسۇسىيىتى، ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە ياشاش مۇھىتىغا ماسلاشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
قىسقا ئۆمۈرلۈك جۇخارگۈل مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئافرىقىنىڭ سەھرايى كەبىر چۆللۈكىدە ياشايدۇ. ئۇ يەردە ئۇزاق مەزگىلگىچە قۇرغاقچىلىق بولۇپ، ھۆل - يېغىن ناھايىتى ئاز ياغىدۇ. نۇرغۇن چۆللۈك ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ رودىمېنتلاشقان يوپۇرماقلىرى بار بولۇپ، سۇ ساقلاپ قېلىش ئىقتىدارى قۇرغاق مۇھىتقا ماسلاشقان، قىسقا ئۆمۈرلۈك جۇخارگۈل بولسا باشقىلاردىن پەرقلىق بولۇپ، تېز ئۆسۈپ، تېز پىشىدىغان ئالاھىدە خۇسۇسىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. قۇملۇققا ئازراقلا يامغۇر يېغىپ قالسا، يەنى يەر يۈزى سەل - پەل نەملىشىپ قالسىلا، ئۇ دەرھال بىخلىنىپ ئۆسۈپ چىقىپ چېچەكلەيدۇ. ئۇنىڭ تىلسىمان گۈللىرى باشسىمان گۈل رېتىنىڭ ئەتراپىغا ھەرە چىشىغا ئوخشاش تىزىلىپ ئۆسىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، قىسقا ئۆمۈرلۈك جۇخارگۈلنىڭ گۈلى نەملىككە ھەددىدىن زىيادە سەزگۈر بولۇپ، ھاۋا قۇرغاق چاغدا دەرھاللا يۇمۇلۇۋالىدۇ؛ سەل - پەل نەملەشسە شۇ زامانلا ئېچىلىدۇ، ناھايىتى تېزلا مېۋىلەيدۇ. مېۋىسى پىشقاندا، قورۇلۇپ شار شەكلىگە كېلىدۇ - دە، شامالدا دومىلىنىپ باشقا جايلارغا بېرىپ كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى قىسقا، بىرمەھەلگىچىلا بولغاچقا، »قىسقا ئۆمۈرلۈك جۇخارگۈل« دەپ ئاتالغان.