قەنتلىك زەرەڭ دەرىخى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قەنتلىك زەرەڭ (شېكەر ئېرەن) دەرىخى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، ئېگىزلىكى30 −40 مېتىرغا يېتىدۇ، كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى60 ~100 سانتىمېتىر كېلىدۇ. ئەسلىي ماكانى شىمالىي ئامېرىكا بولۇپ، كانادادا كۆپرەك ئۆسىدۇ، شۇڭا كانادا «قەنتلىك زەرەڭ دۆلىتى» دېيىلىدۇ.
ھەر نۆۋەت سالقىن كۈز شامىلى يېتىپ كەلگەندە، تۇتاش - تۇتاش زەرەڭلىكلەردىكى زەرەڭ دەرەخلىرىدە قىزارغان يوپۇرماقلار ئېسىلىپ، خۇددى نۇرلۇق شەپەقتەك ئىنتايىن گۈزەل كۆرۈنىدۇ. كانادالىقلار ئاجايىپ چىرايلىق زەرەڭ يوپۇرماقلىرىنى دۆلەت تەۋەررۈكى دەپ بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى قاتارلىقلاردا قىزىل رەڭلىك زەرەڭ يوپۇرمىقى سىزىلغان. زەرەڭ يوپۇرمىقى كانادانىڭ نامايەندىسى ۋە دۆلەت گۈلى بولۇپ قالغان.
قەنتلىك زەرەڭ دەرىخى دۇنيادىكى شېكەر ماتېرىيالى ھېسابلىنىدىغان ئۈچ چوڭ ياغاچ غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى ناھايىتى مول. ئادەتتە15 يىلدىن ئاشقان قەنتلىك زەرەڭ دەرىخىدىن دەرەخ شىرنىسىنى يىغىۋېلىشقا بولىدۇ. ھەر نۆۋەت ئەتىيازدا، كانادالىقلار قەنتلىك زەرەڭ دەرىخى شىرنىسىنى كېسىپ يىغىۋېلىشقا باشلايدۇ، ئۇلار دەرەخ غولىغا تۆشۈك تېشىپ نەيچە - شلانكىلارنى تىقىپ، ئاق رەڭلىك دەرەخ شىرنىسىنى نەيچە - شلانكىلارنى بويلاپ ئېقىتىپ يىغىۋېلىش تۇڭىغا چۈشۈرۈۋالىدۇ. ھەر تۆشۈكتىن100 نەچچە كىلوگرام دەرەخ سۇيۇقلۇقىنى يىغىۋېلىشقا بولىدۇ. بۇنداق دەرەخ سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى شېكەر مىقدارى 5%.0~ 7% ، يۇقىرى بولغاندا %10 بولىدۇ.15 يىللىق بىر تۈپ قەنتلىك زەرەڭ دەرىخىدىن ھەر يىلىغا2 −3 كىلوگرام ساپ شېكەر يىغىۋېلىشقا بولىدۇ. ھەر بىر تۈپ دەرەختىن ئۇدا50 يىل شېكەر ئېلىشقا، بەزىلىرىدىن100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت شېكەر ئېلىشقا بولىدۇ.
قەنتلىك زەرەڭ دەرەخ سۇيۇقلۇقىدىن قاينىتىپ چىقىرىلغان شېكەر قىيامى ھەسەلدەك شېرىن بولۇپ، ئادەتتە «زەرەڭ شېكىرى» دېگەن ئاتىقى بار. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ساخاروزا، ئۇنىڭدىن باشقا گلۇكوزا، فرۇكتوزىلار بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، ھەسەلدىن قېلىشمايدۇ، زەرەڭ شېكىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى ناھايىتى كەڭ، يېمەكلىك قىلىنغاندىن باشقا، يەنە يېمەكلىك سانائىتىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. كانادانىڭ زەرەڭ شېكىرى مەھسۇلاتى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ، چەت ئەللەرگە سېتىلىدۇ.
كامبودژا تەۋەلىكىدىمۇ بىر خىل شېكەر چىقىرىدىغان دەرەخ بولۇپ، «شېكەر پالمىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاھالىلەر ئۇنى «گۆھەر دەرەخ» دېيىشىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ شېكەر شىرنىسى دەرەخ غولىدىن ئېقىپ چىقماستىن، بەلكى گۈل رېتىدىن كېسىپ يىغىۋېلىنىدۇ، ھەر كۈنى ئۈچ بامبۇك سوغىنى تولدۇرغىلى، ئۇدا يېرىم يىل ئېقىتىپ ئالغىلى بولىدۇ. بىر تۈپ چوڭ شېكەر پالمىسى دەرىخىدىن بىر يىلدا50 كىلوگرامدىن ئارتۇق شېكەر ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ.