UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىكىچىك شەمشاد

كىچىك شەمشاد

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى 20 - ئەسىرنىڭ40 - يىللىرىنىڭ بېشىدا مەملىكىتىمىزنىڭ بوتانىكلىرىدىن پروفېسسور گەندو ۋە پروفېسسور ۋاڭ جەنلەر سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋەنشيەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۆسۈش قىياپىتى ئادەتتىن تاشقىرى زور دەرەخنى بايقىغان. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ قانداق دەرەخ ئىكەنلىكىنى بېكىتىشكە ئامال قىلالمىغان. كېيىن، خۇشيەنسۇ، جېڭ ۋەنجۈن ئەپەندىلەرنىڭ تەتقىق قىلىشى ئارقىلىق،1946 - يىلى بۇ دەرەخنىڭ مىليونلىغان يىللار ئىلگىرى يەر شارىدا ياشاپ ئۆتكەن ئۆسۈملۈك − كىچىك شەمشاد دەرىخى (مېتاسېكوۋىيە دەرىخى) نىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئالىملار پەقەت قەدىمكى دەۋر يەر قاتلاملىرىدىن ئۇلارنىڭ تاشقاتمىلىرىنىلا بايقىغان ھەمدە كىچىك شەمشادنى يەر شارىدىن ئاللىقاچان يوقالغان دەرەخ، دەپ قاراپ كەلگەن، يۇقىرىدىكى بايقاش پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان، كىچىك شەمشاد دەرىخى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدىكى «تىرىك تاشقاتما» دەپ ئاتالغان. كىچىك شەمشاد دەرىخى يوپۇرماق تاشلايدىغان بىر خىل چوڭ دەرەخ، شەمشاد ئائىلىسى كىچىك شەمشاد (مېتاسېكوۋىيە) ئۇرۇقدىشىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي غولى تۈپتۈز، يان شاخلىرى توغرىسىغا ئۇزىراپ ئۆسىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپى مۇنارغا ئوخشايدۇ، يوپۇرمىقى ياپىلاق، تۈز، سەل - پەل يىڭنە شەكىللىك، پەيسىمان تىزىلغان، ئەۋرىشىم، تەبىئىي. ئۇ ئەتىياز، ياز پەسىللىرىدە ياپيېشىل، كۈزدە ساپسېرىق، قىشنىڭ بېشىدا جىگەررەڭ قاتارلىق رەڭلەرگە ئۆزگىرىپ، ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. كىچىك شەمشادنىڭ گۈلى بىر جىنسلىق، ئانىلىق - ئاتىلىقى بىر تۈپتە، چاڭلاشقاندىن كېيىن يۇمىقلاقراق شارچە مېۋە ھاسىل قىلىدۇ، ئۇرۇقى دۈم تۇخۇم شەكىللىك، قانىتى بار. كىچىك شەمشاد دەرىخىنىڭ قىياپىتى، ئەركىن - بىمالال، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، ئۆسۈشى تېز بولۇپ، مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ۋە كۆكەرتىش ئۆسۈملۈكى قىلىنىدىغان ئەلا سۈپەتلىك دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ياغاچ ماتېرىيالىنىڭ سۈپىتى زىچ، يۇمشاق، يېنىك، قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا، تۇرمۇشتا، قەغەز ئىشلەشتە ۋە باشقا نۇرغۇن جەھەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ. كىچىك شەمشاد دەرىخى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈركۈملەپ ئۆستۈرۈلمەكتە؛ چەت ئەلدىكى50 نەچچە دۆلەت ۋە100 نەچچە تەتقىقات ئورگانلىرىمۇ كىچىك شەمشادنى كىرگۈزۈپ ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. مەملىكىتىمىزدە تېپىلغان كىچىك شەمشاد دەرەخلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ لوڭشەن ناھىيىسى لوتاشياڭ يېزىسىدىن تېپىلغان46 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى تۈپ كىچىك شەمشاد دەرىخى بولۇپ، بىرىنىڭ كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ ئايلانمىسى4 مېتىر، يەنە بىرىنىڭ7 .3 مېتىر، تەخمىنەن300 يىللىق تارىخقا ئىگە. مەملىكىتىمىزدىكى مەشھۇر تىرىك تاشقاتما ئۆسۈملۈكلەردىن يەنە تەيۋەن فلوۋسىيانا شەمشادى، كاتايا دەرىخى، گلىپتوستروبۇس دەرىخى، تەيۋەن شەمشادى، سېرىق قارىغاي قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى