ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇسسۇل ئوينىشىدىكى سىر
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كىشىلەر خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا لەرزان مـۇزىكا ۋە ئۇسسۇل قاينىمىدا تۇرۇشنى ياقتۇرىدۇ. ھالبۇكى، قىزىقارلىق ئۆسۈملۈك دۇنياسىدىمۇ نۇرغۇن ئۇسسۇلچىلار بار.
ئاپتاپپەرەسنىڭ قۇياشقا بېقىش ئۇسسۇلى، ياتما نېلۇپـەرنىـڭ تـۈن پـەردىـسـى يېيىلىشتىن ئىلگىرىكى يىغىلىش ئۇسسۇلى كۆپچىلىككـە تـونـۇش. مـىـموزا ئوتى تېخىمۇ قىزىقارلىق، قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەنلا ئۇنىڭ پەيسىمـان يوپۇرماقلىرى يىغىلىۋالىدۇ، ئۇنىڭغا تېگىپلا قويسىڭىز، كۈندۈزىمۇ ھەش - پەش دېگۈچە يوپۇرماقلىرىنى يىغىۋالىدۇ، ئۇنـىـڭـغـا تـەگكەن كـۈچ چـوڭـراق بـولـسـا شاخلىرىمۇ ساڭگىلاپ كېتىدۇ، ئۇ بەئەينى تارتىنچاق قىزلارغىلا ئوخشايدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈك ئۇسسۇلچىلىرى ئىچىدە، تېلېگراف ئوتى بىلەن ئۇسسۇل دەرىخى ئەڭ ماھىر ئۇسسۇلچى ھېسابلىنىدۇ. تېلېگراف ئوتى ھىندىستان بىلەن سرى لانكىـدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك، ئۇنىڭ ھەر بىر چوڭ يوپۇرمىقىنىڭ يېنىـدا ئىككى دانە كىچىك يوپۇرمىقى بولىدۇ. بۇ ئىككى دانە كىچىك يوپۇرماق ئويـۇنـغـا تويمايدىغان بالىلاردەك ئەتىدىن كەچكىچە توختىماي ئۇسسـۇل ئويـنـايـدۇ، كەچ كىرگەندىلا جىمىپ قالىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شىشۇاڭبـەنـنـادىـكـى مـېـڭلا ناھىيىسى شاڭيۇڭ يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئىپتىـدائىـي ئورمـانـدا ئۇسـسـۇل ئوينايدىغان بىر خىل كىچىك دەرەخ بار. بۇ دەرەخنـىـڭ يـېـنـىـدا مۇزىكا قويسىڭىز، ئۇ مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، يېنىك مـۇزىـكـا ياكى لىرىك ناخشا قويۇپ بېرىلسە دەرەخنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكىتى رىـتـىـمـغـا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ؛ مۇزىكا قانچە يېقىملىق بولسا دەرەخنىڭ ئۇسسۇلىمۇ شۇنچە لەرزان بولىدۇ. ئەگەر ھەيۋەتلىك مارش ياكـى شـاۋقـۇنـلـۇق مۇزىكا قويۇپ بېرىلسە دەرەخ ئۇسسۇل ئوينىمايدۇ. شۇڭا، بۇ جايدىكـى ئامما ئۇنى «رومانتـىـك دەرەخ» دەپ ئاتىشىدۇ.
بـەزى يـۇقىـرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەر نېمە ئۈچۈن ئۇسسۇل ئوينىيالايـدۇ؟ بـوتـانىـكلار بۇنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدىنىپ كەلدى. ھازىر بۇ توغرىدا ئىكـكـى خىل قاراش بار، بىرى، بۇ ئۆسۈملۈك تېنىدىكى ئۆسـتـۈرگۈچى ھورموننىڭ يۆتكىلىشى ئۆسۈملۈك ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقىدىن بولغان؛ يـەنـە بـىـرى، بۇ ئۆسۈملۈك تېنىدىكى ئاجىز بىئوئېلېكترىك توكنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ۋە يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىدىن بولغان. گەرچە بۇ ئىككى خىل قاراشتىكىلەر ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرسىمۇ، لېكىن بوتانىـكلارنـىـڭ چـوڭـقـۇر تەتقىق قىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ سىرنىڭ ئېچىلىشىغا ئىشىنىمىز.