مېيخۇاگۈلى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
مېيخۇاگۈلىنىڭ سوغۇقتىن قورقماس، قار - قىرولارغا پىسەنت قىلماسلىقتەك قەيسەر روھى ھەم نازاكەتلىك، ئالىيجاناب قىياپىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئەزەلدىنلا جۇڭگو خەلقى تەرىپىدىن ئىززەتلىنىپ كەلگەن. شىمالىي سۇڭ دەۋرىدىكى شائىر لىن خېجىڭ ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمەي «مېيخۇا گۈل لايىقى» نى ھەمراھ قىلىپ ئۆتكەن، ئۇ مېيخۇا گۈلىنىڭ نازاكەتلىك، ئالىيجاناب ئوبرازى ۋە غۇنچە بوي جامالىنى «شىلدىرلىغان زۇمرەت سۇدا سايىسى قىيپاش، ئاي غۇۋا، خۇش ھىد جىمنى ئەتكەن باغاش» دەپ مەدھىيىلىگەن.
سۇن جۇڭشەن ئەپەندى مەنچىڭ خاندانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىنگونى قۇرغاندا، بەش رەڭلىك دۆلەت بايرىقىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا سىمۋول قىلغان ھەم مېيخۇا گۈلىنىڭ بەش گۈل تاج ياپراقچىسىنى بەش رەڭلىك بايراققا سىمۋول قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، مېيخۇاگۈلى كىشىلەر تەرىپىدىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ سىمۋولى قىلىنىپ ھۆرمەتلەنگەن.1982 - يىلى مەملىكىتىمىزدە جۇڭگو - ياپونىيە دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن، «مېيخۇاگۈلى» ۋە «نورۇز گۈلى» دىن ئىبارەت ئىككى خىل پوچتا ماركىسى تارقىتىلغان، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن گۈللىرى ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەڭگۈلۈك دوستلۇقىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.
مېيخۇاگۈل دەرىخى ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى بىر خىل دەرەخ. ئەڭ ئېگىز بولغاندا10 مېتىرغىچە ئۆسىدۇ، ئادەتتە4 −5 مېتىر كېلىدۇ. يوپۇرمىقى كەڭ تۇخۇم شەكىللىك، يوپۇرماق ئۇچى ئۇزۇن، يوپۇرماق سېپىدا تومپىيىپ چىققان ئىككى دانە بەز تەنچىسى بولىدۇ، شۇڭا تونۇش ئاسان. گۈل تاج ياپراقچىلىرىنىڭ سانى بەش ياكى بەشنىڭ ھەسسىلەنگەن سانىغا توغرا كېلىدۇ، گۈلى ئاق، قىزىل، قارامتۇل قىزىل، ھال رەڭ قاتارلىق رەڭلەردە بولۇپ، يوپۇرماق چىقىشتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ، خۇش پۇراقلىق. ھازىر كىشىلەر سۈنئىي ئۇسۇلدا200 خىلدىن ئارتۇق ئوخشىمىغان سورتلىرىنى يېتىلدۈرۈپ چىقتى. ئۇلارنىڭ رەڭلىرى ھەر خىل بولۇپلا قالماي، بەلكى گۈل تاج ياپراقچلىرىنىڭ قەۋەت سانىمۇ ئوخشاشمايدۇ، يالاڭ قات بەرگلىك (بىر قەۋەتلىك) ۋە قات بەرگلىك (ئىككى قەۋەتتىن ئارتۇق) دەپ ئايرىلىدۇ. يالاڭ قات بەرگلىك سورتلىرى چېچەكلەپ بولغاندىن كېيىن كۆپىنچىسى مېۋىلەيدۇ، تەمى ئىنتايىن چۈچۈمەل؛ قات بەرگلىك سورتلىرى ئىچىدە مېۋىلەيدىغانلىرى ئومۇمەن ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئاساسلىقى مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ھېسابلىنىپ تاماشا قىلىنىدۇ.
مەملىكىتىمىزدە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارنىڭ ھەممىسىدە مېيخۇاگۈل دەرىخى ئۆستۈرۈلىدۇ. بولۇپمۇ جېجياڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇي، خۇبېي، خۇنەن ھەم سىچۇەندىن ئىبارەت ھەرقايسى ئۆلكىلەردە كۆپرەك ئۆستۈرۈلىدىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر3000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە.
مېيخۇاگۈلى ئېگىلمەس - سۇنماس يېشىل قارىغاي، گۈزەل - چىرايلىق ياپيېشىل بامبۇك بىلەن ئۈچىسى «يىللىق سوغۇقتىكى ئۈچ دوست» دېيىلىدۇ؛ مېيخۇاگۈلى، كەترەن، بامبۇك، جۇخارگۈللەردىن ئىبارەت «تۆت ئالىيجاناب» ئىچىدە مېيخۇاگۈلى باش ئورۇندا تۇرىدۇ.