كېۋەز
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
كېۋەز ئىنسانلارنىڭ كىيىم ‐ كېچەك ماتېرىياللىرى مەنبەسى بولغاچقا، چەت ئەللەردە ئۇنى «قۇياش پەرزەنتى» دەپ ئاتىشىدۇ. جۇڭگودا مەخسۇس كېۋەزنى مەدھىيىلەيدىغان مۇنداق شېئىر بار: «ماي ئېيىدا كېۋەز گۈزەل، ئاۋغۇست ئېيى كېۋەز قۇرار. چېچەكلىسە جاھان ئىللىپ، گۈل تۆكۈلسە زېمىن مۇزلار».
كېۋەز تۈگمىگۈل ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق چاتقال بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدۇر. كېيىن ئۇ كۆندۈرۈلۈپ، بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈككە ئايلانغان. ئۇنىڭ غولى تىك بولۇپ، ۋېگېتاتىۋ شاخلىرى تۈۋى قىسمىدا، مېۋە شاخلىرى ئۈستۈنكى قىسمىدا ئايرىلىپ ئۆسىدۇ. گۈلى يوپۇرماق قولتۇقىدا ئۆسۈپ ئۆزلۈكىدىن رەڭ ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. مەسلەن، دەسلەپ ئاق ئېچىلىدۇ، ئارقىدىن سارغىيىدۇ، چۈشتىن كېيىن قىزىرىدۇ، ئەتىسى قىزغۇچ بىنەپشە رەڭگە، سولىشىش ۋاقتىدا كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. غوزا مېۋىسى (غوزىسى) شاپتۇلغا ئوخشاش بولۇپ، پىشقاندا يېرىلىپ قاردەك ئاق پاختىسى كۆرۈنىدۇ، ئارىسىدا ئۇرۇق (چىگىت)لىرى بولىدۇ. ئۇ پىششىقلىنىپ ئۇرۇق (چىگىتى)دىن ئايرىلغاندىن كېيىنلا ساپ پاختىغا ئايلىنىدۇ ھەمدە يىپ ئېگىرىپ رەخت توقۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. پاختا تالاسىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى كېۋەز سورتىنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقىنىڭ ئۆلچىمى ھېسابلىنىدۇ.
پاختا ئادەتتە ئاق رەڭدە بولۇپ، بوياش ئارقىلىقلا خىلمۇخىل رەڭلەردىكى گۈللۈك رەختلەر توقۇلىدۇ. يېقىندا پېرۇ دۆلىتىدە پاختىسى ئاق، ئاچ سېرىق، قوڭۇر، سۆسۈن، كۈل رەڭدىن ئىبارەت بەش خىل تەبىئىي رەڭدىكى كېۋەز سورتى بايقالدى. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى ئالىملىرى شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق پاختىسى قىزىل، يېشىل، كۆك ۋە سېرىقتىن ئىبارەت20 نەچچە خىل رەڭلىك كېۋەز سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. ھازىر شىنجاڭدىمۇ پاختىسى رەڭلىك كېۋەزلەر كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلمەكتە. ئەگەر پاختىسى رەڭلىك كېۋەزلەر كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلسە خىلمۇخىل رەڭدىكى رەختلەرنى بىۋاسىتە توقۇپ چىقىشقا بولىدۇ.
پاختا رەخت توقۇشقا ئىشلىتىلىپلا قالماي، يەنە پارتلاتقۇچ دورا، سۇلياۋ ۋە مېدىتسىنا پاختىسى (دورىلىق پاختا) قاتارلىقلارنى ياساشنىڭ مۇھىم خام ئەشياسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇقى (چىگىتى)دىن ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغان چىگىت مېيى ئايرىۋېلىشقا بولىدۇ. كېۋەز غولى (تەپچە)نىڭ ئەۋرىشىم پوست تالالىرىدىن ئارغامچا ۋە قەغەز ياساشقا بولىدۇ. كېۋەز يىلتىزىنىڭ پوستى دورا بولۇپ، تەننى كۈچلەندۈرۈش ۋە تىنچلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.