شاھزادىگۈل
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
شاھزادىگۈل (جۈنزىلەن)80 - يىللاردا مەملىكىتىمىزدە داڭقى پۇر كەتكەن بىر خىل سامان غوللۇق گۈل - گىياھدۇر. ئۇ1986 - يىلى مەملىكەتلىك ئون چوڭ داڭدار گۈلنى باھالاپ بېكىتىش پائالىيىتىدە، ئەنئەنىۋى ئون چوڭ داڭدار گۈلنىڭ بىرى بولغان نەرگىسگۈلىنى سىقىپ چىقىرىپ شەرەپ بىلەن تەختكە چىقتى.
شاھزادىگۈل تاشسامساق ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ئۇ، كۆپ يىللىق، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان سامان غوللۇق گۈل - گىياھ بولۇپ، ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئافرىقا. ئىلمىي نامىI dniL silibon aivilC، ئۇرۇقداش نامى aiviIC بولۇپ، ئەنگلىيە ئېنگلاند ئارىلىنىڭ ئەڭ شىمالىدىكى نور سۇمبېرلاند ۋىلايىتىدىكى deviIC eenئىسىملىك بىر كىنەز خانىمىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن شۇنداق ئاتالغان؛ تۈر نامى silibon ئالىيجاناب، نازاكەتلىك، سەلتەنەتلىك دېگەن مەنىدە.1854 - يىلى ياۋروپادىن ياپونىيىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنلا ئاندىن خەنزۇچە «جۈنزىلەن» دېگەن نام بېرىلگەن.
شاھزادىگۈلنىڭ يوغان گۆشلەشكەن يىلتىزى ۋە كونا يوپۇرماقلىرىدىن ساقلىنىپ قالغان يوپۇرماق غولى بولىدۇ. يوپۇرماقلىرى تاسمىسىمان، تېرە ماددىلىق، ئىككى قاتار بولۇپ تىزىلىدۇ، يوپۇرماق شەكلى رەتلىك ھەم تولۇق، سۇباتلىق، تىك ھەم رەتلىك؛ گۈلى چوڭ، ۋارونكىسىمان، رەڭگى قىزىلسىمان سېرىق ياكى توق قىزىل، گۈلنىڭ سانى ئون ئەتراپىدا بولۇپ، گۈل شېخىنىڭ چوققىسىغا جايلىشىپ، كۈنلۈكسىمان گۈل رىتىنى ھاسىل قىلىپ تىزىلىدۇ؛ گۈل توپى چوڭ ھەم كۆركەم، گۈللەش (چېچەكلەش) مەزگىلى بىرقەدەر ئۇزۇن بولىدۇ.20
- ئەسىرنىڭ30 - يىللىرىدىكى قورچاق مانجۇرىيە خان ئوردىسىدا، شاھزادىگۈل ئوردىدىكى بىردىنبىر گۈل سۈپىتىدە ئارزۇلىنىپ ئۆستۈرۈلەتتى. كېيىن، تەدرىجىي ھالدا خەلق ئىچىگە تارقىلىپ ئۆستۈرۈلگەن. شاھزادىگۈلنى شەرقىي شىمالنىڭ چاڭچۇن شەھىرىدىكى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ھەمدە ئۇنى چاڭچۇن شەھىرىنىڭ شەھەر گۈلى قىلىپ بېكىتكەن.