گىگانت جىن تاروسى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
تارو بىلەن قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان گىگانت جىن تاروسى دۇنيادىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ئىچىدە گۈل رېتى ئەڭ چوڭ ئۆسۈملۈك بولۇپ «گۈل رېتى شاھى» دېگەن نامى بار. ئۇ چايانئوت ئائىلىسىگە كىرىدۇ، ھىندونېزىيىنىڭ سۇماترادىكى قويۇق ئورمانلاردا ئۆسىدىغان، بىر خىل يىرگىنچلىك سېسىق پۇرايدىغان ئۆسۈملۈك. شۇڭا، كىشىلەر ئۇنى يىراقتىنلا سېزىۋالالايدۇ. ئۇنىڭ يەر ئاستى غولى تەخمىنەن5 .0 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ. تۈگۈنەك غولىدىن بىر تال يوغان يەر ئۈستى غولى ئۆسۈپ چىقىدۇ. غولىنىڭ يەرگە يېقىن جايىدا بىر تال يوپۇرمىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ، ئەڭ دەسلەپ پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپى مۇشۇ يوپۇرماققا ئورىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن يۇقىرىراقتا گۆش باشاقسىمان گۈل رېتىنىڭ سىرتىنى ئوراپ تۇرغان چوڭ تىپتىكى يوپۇرماقسىمان ئومۇمىي ئورىغۇچى يوپۇرمىقى بولىدۇ. بوتانىكلار ئۇنى يالقۇنسىمان ئورىغۇچى يوپۇرماق دەپ ئاتايدۇ. ئۇنىڭ شەكلى پۈرمە ياقىغا ئوخشاپ قالىدۇ.
يالقۇنسىمان ئورىغۇچى يوپۇرماق ئوتتۇرىسىدىن بىر تال ئۇزۇن ئوق ئۆسۈپ چىقىدۇ، بۇ گۆش باشاقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى بولۇپ، نەچچە مىڭلىغان سېرىق رەڭلىك ئاتىلىق گۈللەر ۋە ئانىلىق گۈللەر گۆش باشاقنىڭ تۆۋەنكى قىسمىغا زىچ تارقىلىپ، يالقۇنسىمان ئورىغۇچى يوپۇرماقنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇپ تۇرىدۇ. گۆش باشاقسىمان گۈل رېتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى2 مېتىرغا يېتىپ، ئادەم بويىدىنمۇ ئېگىز تۇرىدۇ. يوپۇرماق شەكىللىك يالقۇنسىمان ئورىغۇچى يوپۇرماقنىڭ سىرتى يېشىل رەڭلىك، ئىچى قىزىل رەڭلىك، ئېگىزلىكى1 مېتىر، دىئامېتىرى3 .1 مېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپى يوغان بىر شامدانغا ئوخشايدۇ. گۈل رېتى ئەمدىلا ئۆسۈپ چىققاندا، ئۆسۈشى ناھايىتى تېز بولىدۇ. گۈللىرى ئېچىلغاندا، سېسىق پۇراق تارقىتىپ چىۋىن - قوڭغۇزلارنى جەلپ قىلىپ چاڭلىشىدۇ. گۈلى بىر كۈندىلا سولىشىپ توزۇپ كېتىدۇ.
گىگانت جىن تاروسىنىڭ يەر ئاستى تۈگۈنەك غولى ياپىلاق شارسىمان، تەركىبىدە كراخمال كۆپ بولۇپ، ھاراق ئېچىتىشقا ياكى يېمەكلىك قىلىشقا بولىدۇ. خەلق ئىچىدە ئۇنىڭدىن تارو ئۇيۇتمىسى (دۇفۇ) ياسايدۇ.
مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھەم چاڭجياڭنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى ھەرقايسى جايلاردا جىن تاروسى ئۆستۈرۈلىدۇ. كراخمالى زەھەرلىك، ھاك سۈيىدە قايناتقاندىن كېيىنلا يېيىشكە بولىدۇ.