پاختا دەرىخى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
پاختا دەرىخى ئاۋۋال چېچەكلەپ، كېيىن يوپۇرماق چىقىرىدىغان ئۆسۈملۈك. ھەر يىلى مارت - ئاپرېل ئايلىرىدا، ئۇنىڭ شاخلىرىدا چىنە ئېغىزىدەك چوڭ گۈللەر توپلىشىپ ئېچىلىدۇ. ھەربىر گۈلدە بەش تال گۆشلەشكەن چوڭ گۈل تاج ياپراقچىسى بولىدۇ، ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئاتىلىق - ئانىلىقلار چۆرىدەپ تۇرىدۇ، تاج ياپراقچىسىنىڭ سىرتى ئاق رەڭلىك، ئىچى تەرىپى سارغۇچ قىزىل ياكى ئوچۇق قىزىل رەڭلىك. يوپۇرماقلىرى كۆرۈنمىگەچكە، يىراقتىن قارىغاندا پۈتۈن دەرەخ قىپقىزىل، ئوتقاشتەك كۆركەم كۆرۈنىدۇ؛ ئاساسىي غولى تۈپتۈز، ئېگىزلىكى30 نەچچە مېتىر بولۇپ، خۇددى گىگانت ئادەم كىمخاب يېپىنغاندەك ئۇلۇغۋار، ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. شۇڭا، گۇاڭدۇڭلۇقلار ئۇنى »قەھرىمان دەرەخ« دېيىشىدۇ ھەمدە ئۇنى گۇاڭجۇ شەھىرىنىڭ شەھەر گۈلى قىلىپ تاللىغان.
پاختا دەرىخى يوپۇرماق تاشلايدىغان چوڭ دەرەخ، پاختا دەرىخى ئائىلىسىگە كىرىدۇ. ياش كۆچىتىنىڭ غولى ۋە شاخلىرىدا ياپىلاق كونۇسسىمان قوۋزاق تىكەنلىرى بولىدۇ، قېرى دەرەخلەرنىڭ غولى توم، يوغان، سىلىق، يان شاخلىرى ئايلانما بولۇپ ئۆسۈپ، ئەتراپقا تەكشى يېيىلىپ، كەڭ دەرەخ باراقسىنىنى شەكىللەندۈرىدۇ، يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ئالىقانسىمان مۇرەككەپ يوپۇرمىقى5 ~7 تال ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك كىچىك يوپۇرماقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئاق رەڭلىك ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك غوزەك مېۋىسىنىڭ ئىچكى دىۋارىدا يىپەكسىمان تالالىرى بولىدۇ. پىشقاندىن كېيىن پارتلاپ يېرىلىپ ئىچىدىكى قارا رەڭلىك ئۇرۇقلىرى پاختىسى بىلەن بىللە ئۇچۇپ تارقىلىدۇ. پاختا دەرىخىنىڭ گەۋدىسى چوڭ، ئېگىز بولغاچقا، غوزا مېۋىسىنى يېرىلىشتىن ئىلگىرى دەرەخقە يامىشىپ چىقىپ يىغىۋالمىغاندا، پاختىسى مېۋە يېرىلىشى بىلەنلا تارقىلىپ يوقىلىدۇ، شۇڭا يۈننەنلىكلەر ئۇنى «يامىشىپ يىغىدىغان پاختا» دەپمۇ ئاتايدۇ.
پاختا دەرىخى مەملىكىتىمىزنىڭ يۈننەن، گۇيجۇ، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ ۋە جىنشاجياڭ دەرياسى ۋادىلىرىغا تارالغان بولۇپ، ئورمانلىقلار ياكى پاكار تاغلىق رايونلاردا ئۆسىدۇ. مەيلى ئۇرۇقىنى ئېكىش، تۈپ ئايرىش بولسۇن، ياكى قەلەمچە قىلىپ تىكىش بولسۇن، ھەممسىدىلا ئاسان ئەي بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئۆسۈشىمۇ ناھايىتى تېز ئۆسىدۇ.
پاختا دەرىخىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى بىرقەدەر يۇقىرى، پاختىسىنىڭ تالالىرى تۈز، گەرچە ئىنچىكە يىپلارنى ئېگىرىشكە بولمىسىمۇ، لېكىن يۇمشاق، ئىنچىكە، ئېلاستىكلىقى ياخشى، بېسىلىشقا چىداشلىق بولۇپ، سېلىنچا (ماتراس) ۋە ياستۇقلارنىڭ ئىچىگە سېلىشقا باب كېلىدۇ. تىۋىتى يېنىك، ئاسان نەملەشمەيدۇ، شۇڭا لەيلەش كۈچى بىرقەدەر زور. تەجرىبە قىلىشلارغا ئاساسلانغاندا، ھەر كىلوگرام دەرەخ پاختىسى سۇدا15 كىلوگرام ئەتراپىدىكى ئادەم تېنىنى لەيلىتىپ تۇرالايدۇ، شۇڭا ئۇ قۇتقۇزۇش چەمبىرىكىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تولدۇرما ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. پاختا دەرىخىنىڭ ياغىچى يۇمشاق بولۇپ، ساندۇق شېلى (تاختىيى)، سەرەڭگە تېلى، ياغاچ قولۋاق، سوغا، ياغاچ داس قاتارلىقلارنى ياساشقا بولىدۇ، قەغەز ئىشلەشتىمۇ ياخشى ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.