ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ياشىرىشىدىكى سىر
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيىلىك بوتانىك خاپولىن ئۆسۈملـۈك ھۈجەيرىسىنى يېتىلدۈرۈشنى سىناق قىلغاندىن كېيىن ئادەملەر ئۆسۈمـلۈك ھۈجەيرىسىدىن يۇمران ئۆسۈملۈكلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىلدۈرەلەيدۇ، دېگەن قاراشنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىلمىي قـاراش1958 - يـىـلـى رېئاللىققا ئايلاندى. سىتىۋارد ئىسىملىك تەتقىقاتچى ئالدى بىلەن سەۋزە تېنىدىكى ھۈجەيرىنى سۈنئىي ئايرىپ يېتىشتۈرۈپ، زەخىمــلـەنـدۈرۈلـگـەن توقۇلمىنى ھاسىل قىلىش ئارقىلىق، مۇكـەمـمـەل ئۆسـۈمـلـۈك تـىـپـىـنـى بـارلـىـقـقـا كەلتۈردى. ھازىر مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى - سىرتىدا ئۆسۈملۈك توقۇلمىسىنـى يېتىشتۈرۈش، ئايرىش ئارقىلىق شەكىللەندۈرۈلگەن مۇكەممـەل ئۇشـشـاق ئۆسۈملۈك نەچچە يۈز خىلغا يېتـىـدۇ، بـۇلارنـىڭ ئىـچـىـدە يـاغاچ غـولـلـۇق ئۆسۈملۈكلەردىنلا نەچچە ئون خىلى بار.
ئۆسۈملۈك تېنىدىكى يېتىلگەن ھۈجەيرىدىن قانداقلارچە بـىـر تـۈپ كىچىك ئۆسۈملۈك ئۆسۈپ چىقىدۇ؟ ئالىملار ئۆسـۈمـلـۈكـنـىـڭ بـۇ خـىـل «ياشىرىش» ھادىسىسىنى ئۇزاق مۇددەت جاپالىق تەتقىق قىـلـدى. نەتىجىدە، بـۇنـىـڭ ئۆسۈملۈك ھورمونى بىلەن ناھايىتى زور مۇناسىۋىتى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆسـۈمـلـۈك ھورمونىدىكى ئۆستۈرگۈچى ھورمون ھەمدە ھۈجەيرە بۆلگۈچى ھورمـونـنـىـڭ قۇدرىتى ئىكەنـلىكىنى بـايـقـىـدى. ئادەتـتـە، ئۆسـتۈرگـۈچـى ھورمـون ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆسۈشىـنـى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھۈجەيرىنىڭ بـۆلـۈنـۈشـى ئۆسۈملۈكنىڭ بىخ چىقىرىشىغا پايدىلىق دەپ قـارىـلـىـدۇ. يۇقىرىدىكى ئۆسۈملۈك ھورمونلىرىنىڭ ئۆسۈملۈك تېنىدىكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، بىراق ئۇلار مۇئەييەن شارائىتتا، ئۆز كارامىتـىـنـى كـۆرسىتەلەيدۇ، يەنى ئۆسۈملۈك ئۇلارنىڭ تەڭشىشى ۋە تىزگىنلىشى ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.
بەزى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيەتلىرىدە، كىشىلەر ئۆسـۈمـلـۈكـلـەرنـىـڭ «ياشىرىشى» نى باشقۇرالايدىغان بولدى. مەسىـلـەن، گـۈل چـېـڭـى ئارقىلىق مۇكەممەل ئۆسـۈملۈك تـۈپـىـنـى يـېـتـىلدۈرۈش ئۆسۈمـلۈك سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن يېڭـى يـول ئېـچـىـپ بـەردى؛ ئوخـشـاش بولـمـىـغـان ئۆسۈمـلۈكـلـەرنـىـڭ ھۈجـەيـرە پوستىنى ئېـلىۋېتىپ، شالغۇتلاشتۇرۇش ئارقىلىق شالـغـۇت تـۈپـلـەر بـارلىققـا كـەلـتـۈرۈلـدى ۋەھاكازا. ھازىر دۇنيادا كۆك تاماكا تۈرلىرى ھەمدە پـاكـار ھەشقىپىچەك تۈرلىرى بويىچە شالغۇت سورتلار بارلىققا كەلدى. ئېلىمىزدىمۇ كۆك تاماكـا ۋە سەۋزە قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ھۈجەيرىسىدىكى پروتوپلاست ئارقىـلـىـق مۇكەممەل ئۆسۈملۈك تۈپى يېتىشتۈرۈلدى.
ھالبۇكى، كـىـشـىـلـەر تـا ھازىـرغـىـچـە ئۆسۈمـلـۈك ھورمـونـىـنـىــڭ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ «ياشىرىشى» غا قانداق ياردەم بېرىدىـغـانـلىـقىنى ئايدىڭلاشتۇرالمىدى.