UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىماي پالمىسى

ماي پالمىسى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ماي پالمىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى كوكۇسقا ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، «ماي كوكۇسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى غەربىي ئافرىقا بولۇپ، يۈز نەچچە يىللار ئىلگىرى تروپىك بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمانلىقلىرىدا نامسىز ھالدا ئۆسۈپ كەلگەن.20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ئاندىن ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن بايقالغان ۋە ئېتىبارغا ئېلىنغان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇ دۇنيا «يېشىل ماي ئىسكىلاتى» دىكى بىر چولپان بولۇپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق «تىللا دەرىخى» گە ئايلانغان. ماي پالمىسى دۇنيا بويىچە بىرلىك مەھسۇلاتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر خىل ياغاچ غوللۇق مايلىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىر مو يەردىكى ماي پالمىسىدىن200 كىلوگرام ئەتراپىدا ماي چىقىدۇ. بۇ ئادەتتە خاسىڭنىڭ بىرلىك ماي مەھسۇلاتىدىن5 −6 ھەسسە، سويا پۇرچاقنىڭ بىرلىك ماي مەھسۇلاتىدىن10 ھەسسىگە يېقىن يۇقىرى بولغاچقا، «دۇنيا ماي پادىشاھى» دەپ نام ئالغان. ماي پالمىسى پالما ئائىلىسىگە كىرىدۇ، ئۇ دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان ۋە تىك ئۆسىدىغان دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى10 مېتىر، غولىنىڭ دىئامېتىرى30 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئادەتتە دەرەخ ئاساسىي غولىدا يوپۇرماق تۈۋىلىرى ساقلىنىپ قالىدۇ. يوپۇرمىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى3 ~6 مېتىر بولۇپ، غولنىڭ چوققىسىدا توپلىشىپ ئۆسىدۇ. يېرىقچە يوپۇرماقلىرى تاسمىسىمان تۆمۈنە شەكىللىك بولۇپ، تەخمىنە50 −60 جۈپ يېرىقچە يوپۇرماقلىرى پەيسىمان جايلىشىدۇ. گۈلى بىر جىنسلىق گۈل بولۇپ، ئاتىلىق ۋە ئانىلىقلىرى بىر تۈپتە ئۆسىدۇ. گۈللىرى گۆش باشاقسىمان گۈل رېتىدە ئۆسىدىغان بولۇپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە ئېچىلىدۇ. مېۋە ۋە گۈللىرى بىلەن ساقلىنىپ، بىر - بىرىنى تېخىمۇ ئاچىدۇ. ئۈچكىلىك مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك ياكى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، ھەربىر چوڭ باشاقتا1 تالدىن3000 تالغىچە مېۋە تۇتىدۇ ھەم ئۇلار بىرىكىپ شار شەكلىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەڭ چوڭ مېۋە شارچىسىنىڭ ئېغىرلىقى20 كىلوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ. مېۋە ئېتى (گۆشى) بىلەن مېغىزى15 كىلوگرام ئەتراپىدا بولۇپ، ماي مىقدارى %60 كە يېتىدۇ. ماي پالمىسىنىڭ مېۋىسىدىن چىقىرىلغان ماي پالما مېيى (يېغى)، پالما مېغىزىدىن چىقىرىلغان ماي پالما مېغىزى مېيى دېيىلىپ، ھەر ئىككىسى ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىك مېيى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق يەنە ئالىي سۈپەتلىك سېرىقماي، شاكىلات، سۈنئىي كاكائو مېيى ۋە ماروژنىغا ئىشلىتىلىدىغان ماي قاتارلىقلارنى ياساشقا بولىدۇ. سانائەتتە بولسا ئەلا سۈپەتلىك ئەتىر سوپۇن قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ. مېۋە شاكىلىدىن سىركە كىسلاتاسى (ئاتسېتات كىسلاتا)، مېتىل ئالدېگىد (چۈمۈلە ئالدېگىدى، فورمالدېگىد) قاتارلىقلارنى چەككىلەشكە، ئاكتىپلاشتۇرۇلغان كۆمۈر، پرېسلانغان تاختا (پەنەركە) قاتارلىقلارنى ياساشقا بولىدۇ. پالما كۈنجۈرىسىنى يەم - خەشەك قىلىشقا بولىدۇ. گۈل رېتى پىشقاندىن كېيىن ئېقىپ چىقىدىغان سۇيۇقلۇقتىن ھاراق ئېچىتىشقا بولىدۇ. ماي پالمىسى دەرىخىنىڭ ئۆمرى ئادەتتە20 ~25 يىل بولىدۇ. ھازىر ئېلىمىزنىڭ خەينەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، تەيۋەن، فۇجيەن، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلىرىدە كۆپلەپ ئۆستۈرۈلۈپ، ماي پالمىزارلىقى بازىسى قۇرۇشقا جىددىي كىرىشمەكتە.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى