UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىسەندەل دەرىخى

سەندەل دەرىخى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى خاڭجۇنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىغا داڭقى كەتكەن سەندەل يەلپۈگۈچى دەل سەندەل ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. يېنىككىنە يەلپۈپ قويسىلا، خۇش پۇرىقى ئەتراپقا بىر كېلىدۇ. يەنە كېلىپ «يەلپۈگۈچ بولسىلا خۇش پۇرىقى يىتمەيدۇ» غان ئالاھىدىلىككە ئىگە. نەچچە يىللار ساقلىسىمۇ خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ؛ كىيىم ئىشكاپلىرىغا سېلىپ قويۇلسا، قۇرت - كۈيىلەردىن مۇداپىئەلىنىشكە بولىدۇ. سەندەل دەرىخى ئاق سەندەل دەپمۇ ئاتىلىدۇ، سەندەل ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ، ئەسلىي ماكانى ھىندىستان، ئاۋسترالىيە ۋە ئافرىقا، مەملىكىتىمىزنىڭ تەيۋەن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىرىمۇ كىرگۈزۈپ ئۆستۈرگەن. ئۇنىڭ گۈلى يېڭى چېچەكلىگەندە سېرىق رەڭلىك، كېيىن قاندەك قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ياغىچى كارامەت پۇراقلىق، ھەمىشە ئالىي دەرىجىلىك جاھازلار، نەقىشچىلىك، ئويمىچىلىق بۇيۇملىرى قاتارلىقلارغا ماتېرىيال قىلىنىدۇ. بېيجىڭ يۇڭخېگۇڭدىكى ئاق سەندەل ھەيكىلى − بۈيۈك بۇتنىڭ ئېگىزلىكى26 مېتىر، دىئامېتىرى3 مېتىر كېلىدۇ، ئۇ پۈتۈن بىر سەندەل دەرىخىدىن ئويۇپ ياسالغان بولۇپ، دۇنيادا تەڭدىشى يوق قىممەت باھالىق سەنئەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ. سەندەل ياغىچىنىڭ قىرىندىسىنى ئاشقازاننى ساغلاملاشتۇرغۇچى خۇش پۇراقلىق دورا قىلغىلى بولىدۇ؛ غول ياغىچى ۋە يىلتىزلىرىدىن دىستىللەش ئارقىلىق سەندەل مېيى ئېلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ تەركىبىدە %90 ساندالول (سەندەل ئىسپىرتى) بولۇپ، قىممەتلىك تەبىئىي خۇش پۇراق ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ خەينەن ئارىلىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان خەينەن سەندەل دەرىخى (ئۇچلۇق يوپۇرماقلىق سەندەل دەرىخى)مۇ سەندەل دەرىخى دېيىلىدۇ. لېكىن، ئۇ پۇرچاق ئائىلىسىگە كىرىدىغان چوڭ دەرەخ، ماتېرىيالى قاتتىق، پۇختا، رەڭگى قىپقىزىل، سىزىقلىرى ئاجايىپ چىرايلىق، خۇش پۇرىقى يوقالمايدۇ. مەركىزىي ماتېرىيال ياغىچىنى سەندەل ياغىچى ئورنىدا پايدىلىنىشقا بولىدۇ. ياغاچ ماتېرىيالىنى ئالىي دەرىجىلىك ئۆي جاھازلىرى، ساز - چالغۇ ئەسۋابلىرى ۋە ئويمىچىلىق ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مەركىزىي ماتېرىيالىنى دورا قىلىشقا بولىدۇ. دورا نامى «جياڭ شياڭ» بولۇپ، ئاغرىق پەسەيتكۈچى ئېسىل دورا ھېسابلىنىدۇ. ياغىچىدىن دىستىللەش ئارقىلىق سەندەل مېيى ئېلىشقا بولىدۇ. سەندەل مېيى بولسا خۇش پۇراق ماتېرىياللىرى سانائىتىنىڭ خۇش پۇراقنى تۇراقلاشتۇرغۇچى رېئاكتىۋى ھېسابلىنىدۇ. خەينەن سەندەل دەرىخى خەينەن ئۆلكىسىدە ئالاھىدە تاۋار ماتېرىياللىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سەندەل دەرىخى | UyghurWiki | UyghurWiki