چوڭ شەمشاد
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتى سيېررا-نېۋادا تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي يان تەرىپىدىكى تاشيولدا دۇنياغا داڭلىق بىر تۈپ چوڭ شەمشاد بولۇپ، ئېگىز «يول بەلگىسى» گە ئوخشاش يولدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئايىغى ئۈزۈلمەي قاتنايدىغان ئاپتوموبىللار دەرەخنىڭ ئوتتۇرىسىدىن موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ.
چوڭ شەمشاد ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىنىڭ گىگانتى بولۇپ، شەمشاد ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان چوڭ دەرەخ. ئۇنىڭ ئىلمىي نامى «دۇنيانىڭ بوۋىسى» دېگەن مەنىدە. دەرەخ غولى يوغان ھەم تۈز، بويى بۇلۇتقا تاقىشىدۇ. ئەڭ ئېگىزلىرى142 مېتىرغا يېتىدۇ. دىئامېتىرى12 مېتىر كېلىدۇ. غولىنىڭ تۆۋەنكى قىسمىدا شاخلار بولمايدۇ. پەقەت ئۈستۈنكى ئۇچى قىسمىدىلا يان شاخلار ئۇزىراپ چىقىدۇ، شاخچىلىرىدا ئۆسكەن تەڭگىچىسىمان ئۈشكە شەكىللىك قىسقا يوپۇرماقلىرى شولىسىمان يېيىلىپ تۇرىدۇ، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدۇ، غازاڭ بولمايدۇ.
بۇنىڭدىن يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى كىشىلەر شىمالىي ئامېرىكىدا بۇ خىل گىگانت دەرەخنى بايقىغان، ئۇنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرى ئالاھىدە بولغاچقا «مامۇنت دەرىخى» ياكى «كالىفورنىيە قارىغىيى» دەپ ئاتىغان.1859 - يىلى ئەنگلىيىلىكلەر ئۇنىڭغا ۋاتېرلوئودا ناپولېئوننى يەڭگەن ئەنگلىيە قوشۇنىنىڭ باش قوماندانى ۋىللىنگتوننى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن «ۋىللىنگتون گىگانت دەرىخى» دەپ نام بەرگەن. ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكا قىتئەسىدىكى گىگانت دەرەخنى ئەنگلىيىلىكنىڭ نامى بىلەن ئاتاشقا قاتتىق نارازى بولۇپ، ئۇنىڭغا «ۋاشىنگتون گىگانت دەرىخى» دەپ نام بەرگەن. كېيىن، بوتانىكلارنىڭ تەتقىق قىلىشى ئارقىلىق، ئۇنىڭ نامىنى چوڭ شەمشاد قىلىپ رەسمىي بېكىتكەن.
چوڭ شەمشادنىڭ تارىخى ئۇزۇن،70 نەچچە مىليون يىللار ئىلگىرى پۈتۈن شىمالىي يېرىم شارغا تارقالغان. تۆتىنچى دەۋر مۇزلۇقىنىڭ بالايىئاپەتلىرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، پەقەت ئا ق ش نىڭ كالىفورنىيە شتاتى سيېررا-نېۋادا تاغ تىزمىسىنىڭ غەربىي يان باغرىدىكى بىرئاز يەردىلا ئازراق ساقلىنىپ قالغان. شۇڭا، ئىنتايىن كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. چوڭ شەمشادنىڭ يېشىمۇ جانلىقلار دۇنياسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئەڭ ئېگىز ھېلىقى چوڭ شەمشادنىڭ يېشى5000 يىلدىن ئارتۇق بولۇپ، «دۇنيانىڭ بوۋىسى» دېيىلىدۇ.
چوڭ شەمشادنىڭ ئۇرۇقى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ئاران3 مىللىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ.250 مىڭ تال ئۇرۇقى1 كىلوگرامغىمۇ يەتمەيدۇ. شارچە مېۋىسىمۇ چوڭ ئەمەس،25 ~40 تال ئۇرۇق تەڭگىچىسى بولىدۇ. ئۇرۇقى ئىككى يىلدا ئاندىن ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، گەرچە ئۇرۇقىنىڭ بىخلىنىش نىسبىتى پەقەت %10 بولسىمۇ، لېكىن يۇمران مايسىسىنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى تېز، ئىككى يىلدىلا ئۆسۈپ80 نەچچە سانتىمېتىرغا يېتەلەيدۇ.
چوڭ شەمشادنىڭ يېقىن بىر تۇغقىنى بولۇپ، شىمالىي ئامېرىكا قىزىل شەمشادى دەپ ئاتىلىدۇ. قىزىل شەمشادنىڭ يوپۇرمىقى ئىنچىكە ئۇزۇن، پەيسىمان، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، ياپيېشىل، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدۇ. قىزىل شەمشادمۇ ناھايىتى ئېگىز ئۆسىدۇ. ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كالىفورنىيە شتاتىنىڭ شىمالىي قىسىم دېڭىز ياقىسىدىكى دۆلەتلىك قىزىل شەمشاد باغچىسىدىكى ئەڭ ئېگىز قىزىل شەمشادنىڭ ئېگىزلىكى104 مېتىر، دىئامېتىرى6 مېتىردىن ئارتۇق، شۇڭا «ئۇزۇن يوپۇرماقلىق دۇنيا بوۋىسى» دېيىلىدۇ.
چوڭ شەمشاد بىلەن قىزىل شەمشادنىڭ دەرەخ قوۋزىقى ناھايىتى قېلىن بولۇپ، كېسەللىك - زىيانداش ھاشاراتلارغا قارشى تۇرۇش ۋە ئوتتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇزۇن ياشاپ ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ تۇرالايدۇ. دەرەخ چىرىپ كاۋاك بولۇپ قالسىمۇ، دەرەخ غولىنىڭ سىرتقى قەۋىتى يەنىلا ساپساق تۇرىدۇ. يەرلىك ئادەملەر بۇنداق ئىچى كاۋاك دەرەخلەرنى غاز قوتىنى دەيدىكەن. چۈنكى، دەسلەپكى ئاھالىلەر دەرەخ كاۋاكلىرىغا غازلارنى سولاپ باقىدىكەن. چوڭ شەمشاد ۋە قىزىل شەمشادلارنىڭ ياغاچ ماتېرىياللىرىنىڭ ئۆرۈش سىزىقلىرى چىرايلىق، چىرىشكە، ئوتقا چىداملىق بولۇپ، قىممەتلىك ئالىي دەرىجىلىك قۇرۇلۇشلار ۋە نەپىس ياغاچ بۇيۇملارنىڭ ياغاچ ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.