UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىياتما نېلۇپەر

ياتما نېلۇپەر

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ئەزەلدىن «سۇدىكى ئىلاھە» دەپ ئاتىلىدىغان ياتما نېلۇپەر ھەمىشە قۇياشقا ئەگىشىپ ئۆز ۋاقتىدا ئېچىلىپ - يۇمۇلىدۇ. سەھەردە تاڭ ئالدىدىكى خىرە يورۇقلۇق ئۇنى ئۇيقۇدىن ئويغىتىپ ئېچىلدۇرىدۇ؛ كەچقۇرۇنلۇقى، گۇگۇمدا غەربكە ئولتۇرۇشۇۋاتقان كەچكى قۇياش ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇيقۇغا سالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ياتما نېلۇپەر ھەقىقىي ئۇخلايدىغان بولماستىن، پەقەت ئۇنىڭ قۇياش نۇرىغا نىسبەتەن ئىنكاسىنىڭ ئالاھىدە سەزگۈرلۈكى، خالاس. تاڭ نۇرى يۇمۇلغان ياتما نېلۇپەر گۈلىگە چۈشكەن چاغدا، سىرتقى تەرەپتىكى يورۇقلۇق چۈشكەن قىسمىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ، ئىچكى قەۋىتىگە يوشۇرۇنۇپ تۇرغان يورۇقلۇق تەگمىگەن قىسمىنىڭ گۈل تاج ياپراقچىلىرى تېز سۈرئەتتە ئۆسىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۈل تاج ياپراقچىلىرى ئىچىدىن سىرتىغا قاراپ ئېچىلىدۇ؛ چۈشتىن كېيىن، گۈللەر يېتەرلىك ئېچىلىپ، گۈل تاج ياپراقچىلىرى يېيىلىپ گورىزونتال ھالەتكە كەلگەندە، گۈل تاج ياپراقچىلىرىنىڭ يورۇقلۇقنى قوبۇل قىلىدىغان يۈزى ئەتىگەندىكىنىڭ دەل ئەكسىچە بولىدۇ، گۈل تاج ياپراقچىلىرىنىڭ ئىچكى تەرىپى يورۇقلۇققا ئۇچراپ ئۆسۈشى ئاستىلايدۇ، يورۇقلۇققا ئارقىنى قىلىپ تۇرغان سىرتقى تەرەپ قەۋەتلىرىنىڭ ئۆسۈشى تېزلىشىدۇ ھەمدە تەدرىجىي ھالدا ئىچكى تەرەپ قەۋىتىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن گۈللەر يۇمۇلۇپ قالىدۇ. تايلاندتا بۇددا دىنى دۆلەت دىنى قىلىنغان بولۇپ، %90 تىن ئارتۇق خەلق بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇددا دىنىدا نېلۇپەر مۇقەددەس نەرسە، بەخت - سائادەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا، بۇددا مۇرىتلىرى نېلۇپەرنى ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ. يەنە كېلىپ نېلۇپەرلەر ئىچىدە ياتما نېلۇپەرنى ئەڭ چىرايلىق دەپ ھېسابلايدۇ، شۇڭا، تايلاند ياتما نېلۇپەرنى دۆلەت گۈلى قىلىپ بېكىتكەن. ياتما نېلۇپەرنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تەخمىنەن40 تۈرى بار. ئۇلار مۆتىدىل بەلۋاغ ۋە تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىغا تارالغان. ياۋروپا ۋە مىسىردا ئاق ياتما نېلۇپەر، ھىندىستاندا قىزىل ياتما نېلۇپەر ۋە كۆك ياتما نېلۇپەر، مېكسىكىدا سېرىق ياتما نېلۇپەرلەر بار بولۇپ، ھەممىسى ناھايىتى چىرايلىق ھەم يېقىملىق. ئامېرىكا ۋە ئۈمىد تۇمشۇقى رايونىدا يەنە خۇش پۇرىقى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولغان ئاق رەڭلىك خۇشبۇي ياتما نېلۇپەر بولۇپ، گۈلى چىرايلىق، كۆزنى چاقنىتىپلا قالماي، بەلكى خۇش پۇرىقى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. مەملىكىتىمىزدە كۆپ ئۇچرايدىغىنى ئاق ياتما نېلۇپەر بولۇپ، ئۇنىڭ گۈلى كۆپىنچە ھەر كۈنى تۈن يېرىمى (تاڭ سەھەر سائەت1 ۋاقتى) دىن چۈش ۋاقتى (چۈش سائەت12 ۋاقتى)غىچە ئېچىلىدۇ (بېيجىڭ ۋاقتى)، چۈش سائەت12 دىن كېيىن، ئاستا - ئاستا يۇمۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا، «زىۋۇليەن» (چۈشتىن بۇرۇنقى نېلۇپەر) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياتما نېلۇپەرنى دۆلەت گۈلى قىلغانلاردىن يەنە مىسىرمۇ بار. ئاساسەن ئاق ياتما نېلۇپەرنى ئاساس قىلغان.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى