UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىئەنجۈر

ئەنجۈر

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى ئەنجۈرنىڭ گۈللىرى يوغان ھەم گۆشلەشكەن خالتىسىمان گۈل تېگىگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، بوتانىكىدا «يوشۇرۇن باشسىمان گۈل رېتى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەنجۈرنىڭ گۆشلەشكەن گۈل تېگىنىڭ ئىچكى دىۋارىدا نۇرغۇنلىغان ئۇششاق تىۋىتسىمان گۈللىرى ئۆسىدۇ. ئۇلارنىڭ رەڭگى سۇس قىزىل بولۇپ، ئۈستۈنكى يېرىمىدىكىلەر ئاتىلىق گۈللىرى، ئاستىنقى يېرىمىدىكىلەر ئانىلىق گۈللىرىدۇر. بەزى سورتلىرىنىڭ گۆشلەشكەن گۈل تېگى ئىچىدە پارازىت ھەرىنىڭ تۇخۇملىرى بولۇپ، شۇ جايدا ئۇچۇرۇم بولغان پارازىت ھەرىنىڭ چاڭلاشتۇرۇشىغا تايىنىپ ئۇرۇق ھاسىل قىلىدىغان بولغاچقا، «ھاشاراتلىق گۈل» دېيىلىدۇ. ئادەملەر يەيدىغان ئەنجۈر ئەمەلىيەتتە مېۋە بولماستىن، بەلكى يوغىناپ گۆشلەشكەن گۈل تېگىدىن ئىبارەت. ئەنجۈرنىڭ ئۇرۇقى ئۇششاق ھەم يۇمشاق بولغاچقا، يېڭى پېتى يېگەندە ئاسان سەزگىلى بولمايدۇ. ئەنجۈرنىڭ ئەسلىي ماكانى غەربىي ئاسىيادىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە يەمەن قاتارلىق جايلاردۇر. پۈتۈن دۇنيادا ئۆستۈرۈلۈۋاتقان ئەنجۈر سورتلىرى1000 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلارنى تۆت چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. يەنى، ئادەتتىكى تۈر، بۇ تۈردىكى ئەنجۈرلەر بىر جىنسلىق مېۋىلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، بىر يىلدا ئىككى قېتىم مېۋىلەيدۇ؛ سىمىل تۈرىدىكىلەر، بۇ تۈردىكى ئەنجۈرلەرنىڭ پەقەت ئانىلىق گۈللىرىلا بولۇپ، پارازىت ھەرىلەرنىڭ چاڭلاشتۇرۇشىغا تايىنىپ مېۋىلەيدۇ؛ ياۋا تۈر، بۇ تۈردىكى ئەنجۈرلەرنىڭ ئاتىلىق گۈللىرى بىلەن ھاشاراتلىق گۈللىرىلا بولۇپ، ئانىلىق گۈللىرى بەكمۇ ئاز، مېۋىسى كىچىك بولغاچقا، باشقا تۈردىكى ئەنجۈرلەرنى چاڭلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئوتتۇرا تۈردىكىلەر، بۇ تۈردىكى ئەنجۈرلەر ئەتىيازدا چېچەكلەپ چاڭلاشمىسىمۇ مېۋىلەيدۇ، ئەمما كۈزدە چاڭلىنالىسا تەرەققىي قىلىپ يېتىلىپ مۇرەككەپ مېۋىگە ئايلىنالايدۇ. ئەنجۈرنىڭ تەمى خۇددى باناندەك مەززىلىك ھەم تاتلىق بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى مول بولىدۇ. ھۆل مېۋىسىنىڭ تەركىبىدىكى فرۇكتوزا بىلەن گلۇكوزىنىڭ مىقدارى15 ~ % 28 ئەتراپىدا بولۇپ پەشمەتتەك تاتلىق بولغاچقا، ئۇنى پىششىقلاپ بالقاق، ئەنجۈر قېقى، ئەنجۈر مۇرابباسى ۋە كونسېرۋا قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ياساشقا بولىدۇ. ئەنجۈر قېقىنى دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇ ئىشتىھانى ئېچىپ ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، يۇتقۇنچاق - كېكىرتەك ياللۇغىنى داۋالاش، شۇنىڭدەك يۆتەل، قان قۇسۇش ۋە بوۋاسىر (گېموروي)لارنى داۋالاشتىكى ئېسىل دورا ھېسابلىنىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدا ئەنجۈرگە ئوخشاش گۈللىرىنى كۆرسەتمەي مېۋىلەيدىغان دەرەخلەردىن يەنە ياۋا ئەنجۈر دەرىخى، فىكوس دەرىخى، ھىندىستان كاۋچوك دەرىخى، پىستەك ئەنجۈر قاتارلىقلار بار.
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى