قاتتىق دۇب دەرىخى
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قاتتىق دۇب دەرىخىنىىڭ يوپۇرمىقى رەڭگىنى ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشگە قاراپ ئۆزگەرتىدىغان بولغاچقا «مېتېئورولوگىيە دەرىخى» دەپ ئاتىلىدۇ. قاتتىق دۇب دەرىخى دۇب دەرىخى ئائىلىسىگە كىرىدىغان، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ، ماي ئېيىدا سارغۇچ يېشىل رەڭلىك چېچەكلەيدۇ، گۈلى بىر جىنسلىق، ئاتىلىق - ئانىلىقلىرى بىر تۈپتە، ئاتىلىق گۈللىرى پوتلىسىمان گۈل رېتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇ ئىنچىكە - ئۇزۇن، ساڭگىلاپ تۇرىدۇ. قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك ياكى ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ، ئىستاكانسىمان دۇب چىنىسى ئىچىدە ئۆسىدۇ، ئۆكتەبىردە پىشىدۇ.
قاتتىق دۇب دەرىخى سۇبتروپىك بەلۋاغ دەرەخ تۈرى بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى تارقىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان دەرەخ تۈرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. چاۋشيەن، ياپونىيە، ھىندىستانلارغىمۇ تارالغان. ئۇنىڭ كىلىمات شارائىتىغا بولغان ئىنكاسىنىڭ ناھايىتى سەزگۈر بولۇشى يوپۇرماق تەركىبىدىكى خلوروفىل بىلەن سىئانىدىننىڭ سېلىشتۇرما قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن. ئۇزاق مۇددەتلىك قۇرغاقچىلىقتىن كېيىنكى يامغۇر يېغىش ھارپىسىدا، كۈچلۈك يورۇقلۇق ۋە تىنجىق ئىسسىق كۈنلەرگە يولۇققاندا، خىلوروفىلنىڭ سىنتېزلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يوپۇرماقتىكى سىئانىدىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ - دە، يوپۇرماقلار تەدرىجىي ھالدا ئۆزگىرىپ قىزىرىدۇ. بەزى جايلاردىكى ئامما قاتتىق دۇب دەرىخىنى ئادەتتىكى كۆزىتىشى بويىچە، دەرەخ يوپۇرماقلىرى قىزارغاندا مۇشۇ رايوندا1 −2 كۈن ئىچىدە يامغۇر ياغىدۇ دېگەن تەجرىبىگە ئىگە بولغان. يامغۇر توختاپ ھاۋا ئېچىلغاندا، يوپۇرماقلار يەنە توق يېشىل ھالىتىگە قايتىدۇ. دېھقانلار مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ھاۋا رايىدىن ئالدىن خەۋەر تېپىپ، ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
قاتتىق دۇب دەرىخىنىڭ ياغىچى كۈل رەڭ سېرىق ياكى سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك، تۈزۈلۈشى پۇختا، ياغىچى قاتتىق بولۇپ، قاتناش ۋاسىتىلىرى، چىغرىق - غالتەك، تەنھەرىكەت ئەسۋابلىرى قاتارلىقلارنى ياساش ماتېرىيالى قىلىشقا بولىدۇ. ئۇرۇقىنىڭ تەركىبىدە كراخمال بار بولۇپ، ھاراق ئېچىتىشقا، تاتلىق - تۇرۇم، پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تەييارلاشقا بولىدۇ. دۇب چىنىسى، دەرەخ قوۋزىقى قاتارلىقلاردىن يەنە تېرە ئاشلايدىغان يېلىم ئالغىلى بولىدۇ.