UyghurWiki
UyghurWikiئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىدېڭىز كوكۇس پالمىسى

دېڭىز كوكۇس پالمىسى

ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى دېڭىز كوكۇس پالمىسى كوكۇس پالمىسىنىڭ كەم ئۇچرايدىغان بىر خىل سورتى بولۇپ، پەقەت سېيشېل تاقىم ئاراللىرىدىكى پرۇسلىن ئارىلى بىلەن سلۇتتېئى ئارىلىدا ئۆسىدۇ. ئۇ شۇ جاينىڭ ئالاھىدە بولغان سورتى ھېسابلىنىدۇ. دېڭىز كوكۇس پالمىسى پالما ئائىلىسىگە كىرىدۇ، ئېگىزلىكى20 مېتىر ئەتراپىدا، ئەڭ ئېگىزلىرى30 مېتىرغا، دىئامېتىرى30 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. يوپۇرمىقى يەلپۈگۈچ شەكلىدە، كەڭلىكى2 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى7 مېتىرغا يېتىدۇ. ئەڭ چوڭ يوپۇرماقنىڭ يۈزى27 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. دېڭىز كوكۇس پالمىسىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولۇپ،100 يىلدا ئاران ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، ئۆمرى1000 يىلغا يېتىدۇ. دەرەخنىڭ ئەركەك، چىشى دەپ ئايرىمىسى بولىدۇ، ئەركەك دەرەخ چوڭ، ئېگىز بولۇپ، چىشى دەرەخ پاكارراق بولىدۇ، دائىم بىللە ئۆسىدۇ. مېۋىسى يەتتە يىلنى ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن پىشىدۇ. ئۇنىڭ توغرىسىغا كەڭلىكى35 ~50 سانتىمېتىر كېلىدۇ. سىرتىدا بۇلۇتسىمان تالا ماددىسى بولۇپ، ئۇنى سويۇۋەتكەندىن كېيىنلا ئاندىن قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى چىقىدۇ. دېڭىز كوكۇس پالمىسىنىڭ بىر قاتتىق شاكاللىق مېۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى15 كىلوگرام ئەتراپىدا، پۈتۈن مېۋىسىنىڭ ئېغىرلىقى25 كىلوگرام بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قاتتىق شاكاللىق مېۋە ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، كىشىلەر دېڭىز كوكۇس پالمىسىنى «دەرەخلەر پىلى»، ئۇنىڭ شاكاللىق قاتتىق مېۋىسىنى بولسا «ئەڭ ئېغىر دەرىجىلىك كوكۇس» دېيىشىدۇ. دېڭىز كوكۇس پالمىسىنىڭ مېۋىسى شارچە شەكىللىك بولىدۇ، قاتتىق شاكاللىق مېۋىسى خۇددى بىرلىشىپ ئۆسكەن ئىككى تىلىم كوكۇسقا ئوخشايدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى يەنە قوشماق كوكۇس دېيىشىدۇ. سېيشېللىقلار ئۇنى «مۇھەببەت مېۋىسى» دەپ تەرىپلىشىدۇ. ئۇنىڭ مېۋە شەربىتى ئالاھىدە قويۇق بولۇپ، يېلىمسىمان دېگۈدەكلا بولىدۇ، تەمى خۇش پۇراق ھاراقتەك بولۇپ، ھاراق ئېچىتىشقا بولىدۇ. مېۋە گۆشىدە شورپا قايناتسا كونا يۆتەلگە داۋا بولىدۇ ۋە قان توختىتىدۇ. كوكۇس شاكىلى قاتتىق بولۇپ، نەقىشلەرنى ئويۇپ بېزەك بۇيۇملىرى قىلىشقا بولىدۇ. دېڭىز كوكۇس پالمىسىنىڭ شاكىلى ئادەتتىكى كوكۇسلارنىڭكىگە ئوخشاش ناھايىتى يېنىك بولۇپ، مېۋىسى دېڭىزدا لەيلەپ، دېڭىز ئېقىمىغا ئەگىشىپ باشقا يۇرتلارغا كېتىدۇ. لېكىن، دېڭىز كوكۇس پالمىسى دېڭىز سۈيى سىڭىپ كەتكەن قۇملۇق ساھىللاردا ئۆسەلمەيدۇ، شۇڭا باشقا يۇرتلارغا ماكانلىشالمايدۇ. دېڭىز كوكۇس پالمىسى ياشايدىغان جايى سېيشېل ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي» قىلىپ بېكىتىلگەن
← بارلىق تېمىلار ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
دېڭىز كوكۇس پالمىسى | UyghurWiki | UyghurWiki