چۇپۇرشاڭ
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى خەلقلەر ئارىسىدا «كەلگەندە ئۈچىنچى ئاينىڭ ئۈچىگە، چۇپۇرشاڭ تولار شىپالىق كۈچىگە» دېگەن تەمسىل بار. ھەر قېتىم چوكانتال (كۆكلەم) مەزگىلىگە كەلگەندە ئاياللار ۋە بالىلار ئېتىز - ئېرىق ياقىلىرىدىن كىشىلەرنىڭ ئانچە دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىمايدىغان بىر خىل ياۋا چۇپۇرشاڭنى تېرىپ كېلىپ، چۆچۈرە، تۈگرە (بەنشىر) ۋە تۈرمەل قاتارلىق تاماقلارنى ئېتىپ يەيدۇ.
چۇپۇرشاڭنىڭ تەمى ئالاھىدە مەززىلىك، تەركىبىدە11 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى.
چۇپۇرشاڭ ئادەتتە چوكانتال ئوتيېشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ياۋا ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېتىز - ئېرىق ياقىلىرى ۋە بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.
ھازىرقى زامان مېدىتسىنا تەتقىقاتلىرىدىن قارىغاندا، چۇپۇرشاڭ تەركىبىدە خولىن، ئاتسېتىل خولىن، روتىنوزىد، رۇتىن، رېزېدان قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالىيالايدىكەن. يەرلىك خەلقلەر دائىم چۇپۇرشاڭ ئۇيۇتمىسى ئارقىلىق يۇقىرى قان بېسىمى، ئۈچەي - ئاشقازان ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى، تولغاق (دېزېنتېرىيە) قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدىكەن.
شاڭخەيدە چۇپۇرشاڭنى ئالاھىدە كۆكتات سۈپىتىدە تېرىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى يىل بويى تەمىنلەيدىكەن. شاڭخەيدە يەنە بىر «ياۋا چۇپۇرشاڭ تائاملىرى (يېۋىشياڭ)» دەيدىغان بىر ئاشخانا ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مەخسۇس گۆشلۈك ياۋا چۇپۇرشاڭ چۆچۈرىسى سېتىلىدىغان بولغاچقا، ئاشخانىنىڭ داڭقى پۈتۈن مەملىكەتكە تارالغان.